عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم فيما يَحْكِي عن ربه تبارك وتعالى، قال: «أَذْنَبَ عَبْدٌ ذَنْبًا، فقال: اللهم اغْفِرْ لي ذَنْبِي، فقال اللهُ تبارك وتعالى: أَذْنَبَ عَبْدِي ذَنْبًا، فَعَلِمَ أَنَّ له رَبًّا يَغْفِرُ الذَّنْبَ، ويَأْخُذُ بالذَّنْبِ، ثم عَادَ فَأَذْنَبَ، فقال: أَيْ رَبِّ اغْفِرْ لي ذَنْبِي، فقال تبارك وتعالى: أَذْنَبَ عَبْدِي ذَنْبًا، فَعَلِمَ أَنَّ له رَبًّا، يَغْفِرُ الذَّنْبَ، ويَأْخُذُ بالذَّنْبِ، قَدْ غَفَرْتُ لِعَبْدِي فَلْيَفْعَلْ ما شَاءَ»
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن رىۋايەت قىلىپ، رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: بىر بەندە گۇناھ قىلىپ، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلسىلا! دېدى. ئاللاھ تابارەك ۋەتائالا: مېنىڭ بۇ بەندەم گۇناھ قىلىپ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ياكى ئۇنى جازالايدىغان بىر پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن يەنە قايتىدىن گۇناھ قىلىپ، ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، دېدى. ئاللاھ تابارەك ۋەتائالا: مېنىڭ بۇ بەندەم گۇناھ قىلىپ ئۇ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان ياكى ئۇنى جازالايدىغان بىر پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. بەندەم خالىغىنىنى قىلسۇن، مەن بەندەمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدىم، دەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئەگەر بىر بەندە گۇناھ ئىشلارنى قىلىپ ئاندىن ئۇ: ئى ئاللاھ! مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلسىلا، دېسە. ئاللاھ تەبارەك ۋەتەئالا مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بەندەم گۇناھ قىلىپ ئۇ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، خالايىق ئالدىدا رەسۋا بولۇشتىن ساقلايدىغان، گۇناھىدىن ئۆتىۋېتىدىغان ياكى ئۇنى جازالايدىغان بىر پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن، ئاندىن يەنە قايتىدىن گۇناھ قىلىپ، ئى پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن، دېدى. ئاللاھ تابارەك ۋەتائالا: مېنىڭ بەندەم گۇناھ قىلىپ ئۇ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، خالايىق ئالدىدا رەسۋا بولۇشتىن ياپىدىغان، گۇناھىدىن ئۆتىۋېتىدىغان ياكى ئۇنى جازالايدىغان بىر پەرۋەردىگارىنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. بەندەم گۇناھتىن خالىغىنىنى قىلسۇن، ئاندىن سەمىمى تەۋبە قىلسۇن، مەن بەندەمنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدىم، ئۇ ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق گۇناھ قىلىپ ئاندىن سەمىمى تەۋبە قىلىپ داۋام قىلسا، مەن ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىپ داۋام قىلىمەن، چۈنكى تەۋبە ئىلگىرىكى گۇناھلارنى ئۆچۈرىدۇ، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ