عن أبي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قال: «صلَّى بنا رسول الله صلى الله عليه وسلم إحدى صَلاتَيْ الْعَشِيِّ -قال ابن سِيرِينَ وسمَّاها أبو هُرَيْرَةَ، ولكن نسيت أنا- قال: فصلَّى بنا ركعتين، ثم سلَّم، فقام إلى خَشَبَةٍ مَعْرُوضَةٍ في المسجد، فَاتَّكَأَ عليها كأنه غضبان ووضع يده اليُمنى على اليُسرى، و شَبَّكَ بين أصابعه، وخرجت السَّرَعَانُ من أبواب المسجد فقالوا: قَصُرَتِ الصلاة -وفي القوم أبو بكر وعمر- فهابا أن يكلماه، وفي القوم رجل في يديه طُول، يقال له: ذو اليدين فقال: يا رسول الله، أنسيت؟ أم قَصُرَتِ الصلاة؟ قال: لم أَنْسَ وَلَمْ تُقْصَرْ، فقال: أكما يقول ذو اليدين؟ فقالوا: نعم، فتقدَّم فصلَّى ما ترك، ثم سلَّمَ، ثم كبَّر وسجد مثل سجوده أو أطول، ثم رفع رأسه فكبَّر، ثم كبَّر وسجد مثل سجوده أو أطول، ثم رفع رأسه وكبَّر، فربما سألوه: ثم سلّم؟ قال: فَنُبِّئْتُ أن عِمْرَانَ بْنَ حُصَيْنٍ قال: ثم سلَّمَ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە كەچلىك نامازدىن بىر نامازنى ئوقۇپ بەردى «ئىبنى سىيرىن: ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇ نامازنىڭ ئىسمىنى ئېنىق دەپ بەرگەن، لېكىن مەن ئۇنتۇپ قالدىم، دېگەن» رەسۇلۇللاھ ئۇ نامازنى ئىككى رەكىئەت ئوقۇپ سالام بەردى، ئاندىن تۇرۇپ مەسچىدتە توغرۇسىغا قويۇلغان بىر ياغاچقا يۆلىنىپ خۇددى غەزەپلەنگەن كىشىدەك ئولتۇردى ۋە ئوڭ قولىنى سول قولى ئۈستىگە قويۇپ بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈردى. ئالدىرغانلار ناماز قىسقارتىلىپتۇ دېگىنىچە مەسچىتتىن چىقىپ كېتىشتى، جامائەت ئىچىدە ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەرلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلار رەسۇلۇللاھقا گەپ قىلىشتىن ئەيمەندى، كىشىلەر ئىچىدە قولى ئۇزۇن «زۇليەدەين» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بار بولۇپ ئۇ: ئى رەسۇلۇللاھ سىلى ئۇنتۇلۇپ قاللىمۇ ياكى ناماز قىسقارتىلدىمۇ؟ دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: ئۇنتۇلۇپمۇ قالمىدىم، نامازمۇ قىسقارتىلمىدى، دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ: زۇليەدەيىن دېگەندەك ئىش بولدىمۇ؟ دېۋىدى، جامائەت: شۇنداق بولدى، دېدى. شۇئان رەسۇلۇللاھ ئالدىغا چىقىپ نامازنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان قىسمىنى ئوقۇپ سالام بەردى. ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ «بۇرۇنقى» سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈردى، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ «بۇرۇنقى» سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى، ئاندىن تەكبىر ئېيتىپ بېشىنى كۆتۈردى. ئۇلار ئىبنى سىيرىندىن ئاندىن سالام بەردىمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ، ئىمران ئىبنى ھۇسەيىن: ئاندىن سالام بەردى دېگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرلەر ئىنسانلار ئىچىدىن ئەڭ ئەقىللىق، تەمكىن، سەۋىرچان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان كىشىلەردۇر، لىكىن بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئىنسان دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يۇقارقى سۈپەتلەردە ئەڭ ۋايىغا يەتكەن پەيغەمبەر. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىنسان بولغانلىقتىن بەزىدە ئۇنتۇلۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بىرىدۇ، بۇنىڭ ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئىابدەتتە ئۇنتۇلۇپ قالغاندىكى ئەھكاملارنى بايان قىلىپ بىرىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھنىڭ بىر كۈنى ساھابىلەرگە پىشىن ياكى ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەنلىكىنى «ئەبۇ ھۇرەيرە ئېنىق ئىسمىنى دەپ بەرگەن، لىكىن ئىبنى سىيرىين ئۇنى ئۇنتۇلۇپ قالغان» نامازنى ئىككى رەكىئەت ئوقۇپلا سالام بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ئىش مۇكەممەل بولمىسا كۆڭلى خاتىرجەم بولمايتتى، ئۇ كۆڭلۈدە نامازنىڭ بىر يېرىدە نوقسان بولغانلىقىنى ھىس قىلدىيۇ قەيەردە بولغانلىقىنى ئەسلىيەلمىدى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ مەسچىدنىڭ قىبلە تەرىپىدىكى توغرۇسىغا قويۇلغان بىر ياغاچقا يۆلىنىپ خۇددى ئەندىشە قىلغان كىشىدەك ئولتۇردى ۋە بارماقلىرىنى بىر-بىرىگە كىرىشتۈردى. ئالدىرغانلار بىر ئىش يۈز بەرگەن بولسا كېرەك شۇنىڭ ئۈچۈن ناماز قىسقارتىلىپتۇ دېگىنىچە مەسچىتتىن پىچىرلاشقاچ چىقىپ كېتىشتى. بەزىلەر پەيغەمبەرلىك ئورنىنى بۈيۈك بىلگەنلىكتىن ئۇنتۇلۇپ قېلىشنى يىراق سانىغان ئىدى، بەزىلەر تەپ تارتىپ بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشقا پېتىنالمىغان ئىدى. ئۇلار ئىچىدە ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەرمۇ بار ئىدى، ئۇلارمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئىچى سىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ گەپ قىلالمىغان. بىراق ساھابىلەردىن «زۇليەدەيىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ رەسۇلۇللاھتىن بۇ شەكىلدە سورىدى: نامازنى ئۇنتۇلۇپ قاللىمۇ ياكى قىسقارتىلدىمۇ؟ دېدى. چۈنكى ھەر ئىككىلىسى ئىھتىماللىقى بار بولغاچقا بىرىنى كېسىپلا دېمىدى. رەسۇلۇللاھ ئويىغا ئاساسەن ھەر ئىككىلىسى بولمىدى دەپ جاۋاب بەردى. شۇ ۋاقىتتا «زۇليەدەيىن» نىڭ ئىسىدە رەسۇلۇللاھ نامازنى كەم ئوقۇلغانلىقى ئېنىق ئىدى، قىسقارتىلمىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن رەسۇلۇللاھنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى جەزىملەشتۇردى، ئۇ: بەلكى ئۇنتۇلۇپ قالدىلا، دېدى. رەسۇلۇللاھمۇ ئويلىمىغان ئىش بولغانلىقتىن ئۆز نوۋىتىدە ئۇنىڭ سۆزىنىڭ راسىتلىقىنى تەكىتلىمەكچى بولدى ۋە ساھابىلەردىن سوراپ: زۇليەدەيىن دېگەندەك ئىش بولدىمۇ؟ مەن نامازدىن ئىككى رەكەتنى ئۇنتۇلۇپ قالدىممۇ؟ دەپ ئۇنىڭ سۆزىگە شاھىد، گۇۋاھچى ئىزدىدى. ساھابىلەر: شۇنداق بولدى، دېگەندە. رەسۇلۇللاھ مىھراپقا ئۆتۈپ قېپقالغان نامازنى ئوقۇدى، سالام بېرىشتىن بۇرۇن ئولتۇرغان ھالىتىدىلا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ناماز ئىچىدىكى سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجدىدىن تۇردى، ئاندىن يەنە تەكبىر ئوقۇپ ئىلگىرىكى سەجدىدەك ياكى ئۇزۇنراق سەجدە قىلدى،ئاندىن تەكبىر ئوقۇپ سەجدىدىن تۇردى ۋە سالام بەردى قايتا تەشەھھۇد ئوقۇمىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ