عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «إذا قَرَأ ابنُ آدم السجدةَ فسجد اعْتَزَل الشيطانُ يبكي، يقول: يا وَيْلَه -وفي روايةٍ: يا وَيْلي- أُمِر ابنُ آدمَ بالسجودِ فسجدَ فله الجنة، وأُمِرتُ بالسجود فأبَيْتُ فَلِيَ النارُ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغاندا، شەيتان بىر چەتكە چىقىپ يىغلايدۇ ۋاي ئىسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئادەم ئەۋلادلىرى قۇرئان كەرىمدە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغان سەجدە ئايەتلىرىدىن بىرنى ئوقۇغان ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بۇيرىغا بويسۇنۇپ سەجدە قىلىدۇ، شەيتان قۇرئان ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئادەم ئەۋلادلىرى ئېرىشكەن ئىززەتكە ھەسەد قىلىپ، ئۆزى گەردەنكەشلىك سەۋەبىدىن يوقۇتۇپ قويغان ھۆرمەتكە، ئۇچرىغان خارلىق، مالامەتكە ھەسرەتلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ۋاي ئېسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىم، يەنى ۋاي ئىسىت! ئاللاھ ئادەم ئەۋلادلىرىنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ سەجدە قىلىپ جەننەتكە ئېرىشتى، مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرىدى، مەن گەردەنكەشلىك قىلىپ، تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلماي دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ