عن ابن شهاب أنَّ أنس بن مالك حدثه: أنَّ حُذيفة بن اليَمان قدِم على عثمان وكان يُغازي أهل الشام في فتْح أَرْمِيِنيَّة، وأَذْرَبِيجان مع أهل العراق، فأفْزَع حذيفةَ اختلافُهم في القراءة، فقال حُذيفة لعثمان: يا أمير المؤمنين، أدْرِكْ هذه الأمةَ، قبل أنْ يختلفوا في الكتاب اختلافَ اليهود والنصارى، فأرسل عثمانُ إلى حفصة: «أنْ أرسلي إلينا بالصُّحُف ننسخُها في المصاحف، ثم نردُّها إليك»، فأرسلتْ بها حفصةُ إلى عثمان، فأَمَر زيدَ بن ثابت، وعبدَ الله بن الزبير، وسعيد بن العاص، وعبد الرحمن بن الحارث بن هشام فنسخوها في المصاحف، وقال عثمان للرَّهْط القُرَشيِّين الثلاثة: «إذا اختلفتم أنتم وزيدُ بن ثابت في شيء من القرآن فاكتبوه بِلِسان قُريش، فإنما نزل بِلِسانهم» ففعلوا حتى إذا نسخوا الصُّحُف في المصاحف، رَدَّ عثمانُ الصُّحُفَ إلى حفصة، وأرسل إلى كلِّ أُفُق بمصحف مما نَسَخُوا، وأَمَر بما سواه من القرآن في كلِّ صحِيفة أو مُصحف، أنْ يُحرق.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى شىھابقا مۇنداق ھەدىس بايان قىلىپ بەرگەن، ھۇزەيفە ئىبنى يامانى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇ ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجاننى پەتھى قىلىش ئۈچۈن شام ۋە ئىراقتا مۇسۇلمانلارنى جىھادقا تەشكىللەۋاتقان ئىدى، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇنى ئەندىشىگە سالدى. ھۇزەيفە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بۇ ئۈممەت قۇرئان كەرىمدە يەھۇدى-ناسارالار كىتابلىرىدا ئىختىلاپ قىلغاندەك ئىختىلاپ قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى بۇ ھەقتە توغرا يولغا يېتەكلىسىلە، دېگەن ئىدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋرىدە يېزىلغان قۇرئان كەرىمنى كەلتۈرۈپ، ئۇنى كۆچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى. ھەپسە ئۇ قۇرئاننى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەۋەتىپ بەرگەندە، ئوسمان زەيىد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر، سەئىد ئىبنى ئاس ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىسلارغا بۇ قۇرئاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرۈشكە بۇيرۇپ، قۇرەيشلىك ئۈچ نەپەر كىشىگە ئەگەر سىلەر زەيىد ئىبنى سابىت بىلەن بىر قىرائەتتە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار ئۇنى قۇرەيش شېۋىسى بىلەن يېزىڭلار، چۈنكى قۇرئان شۇلارنىڭ تىلى بىلەن چۈشكەن، دېدى. ئۇلار قۇرئاندىن بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئوسمان قول يازمىنى ھەپسەگە قايتۇرۇپ بەردى. كۆچۈرۈلگەن نۇسخىلارنى بىر تالدىن چوڭ شەھەرلەرگە ئەۋەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى يېزىۋالغان قۇرئانلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۋېتىشكە بۇيرۇق قىلدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كەلدى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇ ۋاقىتتا شام ۋە ئىراقتىكى مۇسۇلمانلارنى ئەرمىنىيە ۋە ئەزەربەيجانغا قارشى جىھادقا تەشكىللەۋاتاتتى، ھۇزەيفە كىشىلەرنىڭ قۇرئان ئوقۇشتا ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقانلىقىنى، بەزىلەر ئۇبەي ئىبنى كەئبنىڭ قىرائەتىدە، بەزىلەر ئىبنى مەسئۇدنىڭ قىرائەتىدە ئوقۇۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئارا تالاش-تارتىش قىلىشىپ، بىر پىتنە چىقىشىدىن ئەندىشە قىلدى، ئۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۆئمىنلەرنىڭ خەلىپىسى! مۆمىنلەرنى يەھۇدى-ناسارالار تەۋرات-ئىنجىلدا ئىختىلاپ قىلىشىپ، كەم-ئارتۇق قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەندەك قۇرئاننى ئۆزگەرتىۋېتىشتىن ساقلاپ قالسىلا دېدى. قۇرئان ئۇ ۋاقىتتا پارچە-پارچە قەغەزلەرگە يېزىلغان بولۇپ، بىر كىتاب قىلىپ تۈپلەنمىگەن ئىدى. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلارنى بېرىپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى بىر قانچە نۇسخا كۆچۈرىۋالغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىش مەقسىتىدە ئادەم ئەۋەتتى. بۇ قۇرئان يېزىلغان ۋاراقچىلار بولسا ئەبۇ بەكرى بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بۇيرۇپ جەملەتكەن نۇسخسى ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا ئوسمان قۇرئاننى كىتاپ قىلىپ تۈپلىدى، ئۇ نۇسخا بىلەن ئەمدىلىكتە يېزىپ قالدۇرماقچى بولغان نۇسخىنىڭ پەرقى، ئىلگىركى ئەبۇ بەكرىنىڭ زامانىدا يېزىلغىنى قۇرئان سۈرىلىرى رەتلەنمىگەن، ئەمما ھەر سۈرە ئۆز ئالدىغا ئايەتلىرى بىلەن رەتلەنگەن نۇسخا ئىدى، ئەمدىلىكتە رەتلەنمەكچى بولغىنى ھەر بىر سۈرىلەرنى رەت تەرتىبى بىلەن تىزىپ رەتلەپ چىقىپ، ئۇنى بىر كىتاب شەكلىدە تۈپلەش ئىدى. قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زامانىدا ھازىرقى شەكىلدە رەتلەنگەن ئىدى. ھەپسە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قۇرئان سۈرىلىرى يېزىلغان ۋاراقچىلارنى ئەۋەتىپ بەردى، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زەيد ئىبنى سابىت، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيىر، سەئىد ئىبنى ئاس، ئابدۇراھمان ئىبنى ھارىسلارنى بۇ ۋاراقچىلارنى رەتلەپ قۇرئان كەرىمنى كىتاب شەكلىدە يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇدى، زەيىد ئەنسارلاردىن، قالغانلار قۇرەيىشلاردىن ئىدى، ئوسمان قۇرەيشلىك ئۈچ نەپەر ساھابىگە: سىلەر زەيد ئىبنى سابىت بىلەن ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، قۇرەيشلىكلەرنىڭ شېۋىسىدە يېزىڭلار، چۈنكى قۇرئان قۇرەيش شېۋىسىدە نازىل بولغان، دېدى. ئۇلار ئەسلى يازمىدىن بىرقانچە نۇسخا كۆچۈرگەندىن كېيىن ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەسلى يازمىنى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا قايتۇرۇپ بەردى ۋە ھەر قايسى ئىقلىملارغا ئۇلار كۆچۈرگەن قۇرئاننى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى يېزىۋالغان قۇرئان ۋاراقچىلىرىنى كۆيدۈرىۋىتىشكە بۇيرۇدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش