عن أبي بن كعب رضي الله عنه ، قال: لَقِيَ رسولُ الله صلى الله عليه وسلم جبريلَ، فقال: «يا جبريلُ إنِّي بُعِثتُ إلى أُمَّة أُمِّيِّين: منهم العجوزُ، والشيخُ الكبيرُ، والغلامُ، والجاريةُ، والرجلُ الذي لم يقرأْ كتابًا قطُّ» قال: يا محمدُ إنَّ القرآنَ أُنْزِل على سبعة أَحْرُف.
[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد]
المزيــد ...

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھنىڭ ئەلچىسى جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا: ئى جىبرىئىل! مەن ساۋاتسىز ئۈممەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاجىز، ياشانغان، قۇل، دېدەك ۋە پەقەت خەت ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەر،- دېدى، جىبرىئىل: ئى مۇھەممەد! قۇرئان يەتتە شىۋە بىلەن چۈشۈرۈلدى،- دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىئىل بىلەن ئۇچراشقاندا مۇنداق دېدى: ئى جىبرىئىل! مەن ساۋاتسىز ئۈممەتكە ئەۋەتىلدىم، ئۇلار خەتنى ياخشى ئوقۇيالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قۇرئاننى بىر شىۋىدە ئوقۇڭلار دېسەم ئوقۇيالمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تىلى ئىمالە ياكى زەۋەرگە ئادەتلەنگەن، يەنە بەزىلەرنىڭ تىلى ئىدغام ياكى ئىزھارغا كۆنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قېرى موماي، بوۋايلار بار، بۇلارنىڭ تەلىم ئېلىشى قېيىن، يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك ئوغۇل-قىزلار بار، بۇلارمۇ ھەم كىچىكلىكىدىن تەلىم ئېلىشقا قادىر ئەمەس، بىر قىسىم ئوتتۇر ياش خەت ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەرمۇ بار، دېدې، ۋە رەسۇلۇللاھ بۇنى بىر قانچە قېتىم تەكرارلىغاندىن كىيىن جىبرىئىل: ئى مۇھەممەد! قۇرئان يەتتە شىۋە بىلەن چۈشۈرۈلدى، ھەر بىر كىشى ئۆزىگە ئاسان شىۋە بىلەن ئوقۇسۇن، دېگەن. ئالىملار يەتتە شىۋىنى بەلگىلەشتە كۆپ بەس-مۇنازىرە قىلغان. ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىنىڭ ئەڭ كۈشلۈكى، ئۇ «ھەرىپ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئەرەب شىۋىلىرى، دېگەن كۆز قاراش. قۇرئان كەرىم دەسلەپتە نازىل بولغاندا ئەرەبلەرگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن بۇ شىۋىلەر بىلەن نازىل بولغان. چۈنكى ئەرەبلەر ئۆز ۋاقتىدا بىر-بىرى بىلەن جىدەل-ماجرا، تالاش-تارتىش بىلەن ئىدى، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا شىۋە، لەھجىسى بار ئىدى، بىر قەبىلىنىڭ شىۋىسىدا بار سۆز يەنە بىرىنىڭ شىۋىسىدە يوق ئىدى. ئىسلام دىنى كېلىپ ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرى ياخشى بولغان، ئىسلام دىنى سەۋەپلىك ئارىدىكى ئاداۋەت، دۈشمەنلىك يوقالغان، ئۇلارنىڭ تىللىرىمۇ بىر-بىرىگە يېقىنلاشقان. شۇ ۋاقىتتا ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بارلىق ئەرەبلەرنى بىر شىۋە، بىر لەھجىگە بىرلىككە كەلتۈرگەن. قۇرئان ئوقۇشتا يەنە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش بولماسلىقى ئۈچۈن، قۇرەيش شىۋىسىنى ئاساس قىلىپ، قالغان بارلىق شىۋىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە باشقا شىۋىلەردە يېزىلغان ئايەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش