عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعًا: «التَّسْبِيحُ للرجال، والتَّصْفِيق للنساء».

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تەسبىھ ئەرلەرگە، چاۋاك ئاياللارغا خاس»

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئەرلەر تەسبىھ ئېيتىدۇ، ئاياللار چاۋاك چالىدۇ، مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «نامازدا» دەپ بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ مەنىسى: نامازدا ئىمامدا كۆرۈلگەن خاتالىققا ئاگاھلاندۇرۇش، ياكى ئەما كىشىنىڭ بىر يەرگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىش، ياكى كىرگۈچىنىڭ رۇخسەت سورىشى، ياكى ناماز ئوقۇغۇچى باشقىلارغا بىرەر ئىشنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى مەقسەت قىلىشى قاتارلىق باشقىلارغا ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرسە، مۇشۇنداق ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەھۋاللاردا ئاگاھلاندۇرماقچى بولغان ئىشنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن "سۇبھانەللاھ" دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇ ئەرلەر ئۈچۈن بولىدۇ، ئەمما ئايال كىشىگە نامىزىدا بىرەر ئىش يۈز بېرىپ قالسا چاۋاك چالىدۇ، ئۇنىڭ شەكلى: قايسى شەكىلدە بولسۇن، بىر قولىنى يەنە بىر قولىغا ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىدۇ. مۇشۇنىڭ ھەممىسى نامازدا دېيىلمەيدىغان سۆزلەرنى نامازدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ناماز ئاللاھ تائالا بىلەن سىردىشىدىغان ئورۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، نامازدا سۆزلەشكە ئېھتىياجلىق بولغاندا، نامازدا دېيىلىدىغان سۆزلەرنى قېلىش يولغا قويۇلغان، ئۇ بولسىمۇ تەسبىھ ئېيتىشتۇر

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

16 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية