ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار
يات ئاياللار بار يەرگە كىرىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار! ئەنسارىلاردىن بىر كىشى ئى رەسۇلۇللاھ! ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرىچۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمىبىرىمىز: ئەرلەرنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىش ئۆلۈم بىلەن تەڭدۇر، دېدى
ئەر كىشى ئايالىنى تۆشەككە چاقىرغاندا، ئايالى ئۇنىماي، ئەر ئايالىغا غەزەپلىنىپ يېتىپ قالسا، پەرىشتىلەر ئۇ ئايالغا تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ
ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭلار، ھەقىقەتەن ئايال كىشى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان، قوۋۇرغىلارنىڭ ئەڭ ئەگرىسى ئەڭ ئۈستىدىكىسى بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى رۇسلايمەن دېسەڭ، سۇندۇرۇپ قويىسەن ۋە ئەگەر ئۇنى تاشلاپ قويساڭ ئاشۇنداق ئەگرى تۇرىۋېرىدۇ، شۇڭا ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار
سىلەرنىڭ بىرىڭلاردىن ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا ئۇنى توسمىسۇن، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىسى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاياللارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز، دېدى، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەرھال بالىسىغا يوپۇرلۇپ كېلىپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئۇنى تىللاپ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسىماسلىق توغرۇلۇق ھەدىسىنى بايان قىلىۋاتسام، سەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيدە نېمە قىلاتتى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ: ئۆز ئاياللىرىغا ياردەمدە بولاتتى، ناماز ۋاقتى بولسا نامازغا چىقاتتى، دەپ جاۋاپ بەردى
قانداق بىر ئايال ئۆزىنىڭ ئۈچ بالىسىنى بۇرۇن ئەۋەتكەن بولسا (يەنى تۈگەپ كەتكەن بولسا) ئۇ بالىلار ئاشۇ ئايال ئۈچۈن جەھەننەمدىن پەردە بولىدۇ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايال مىجەز بولىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلىپ، «ئۇلارنى ئۆيلىرىڭلاردىن چىقىرىۋىتىڭلار!» دېدى