عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الخُدْرِيَّ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ -وَكَانَ غَزَا مَعَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ثِنْتَيْ عَشْرَةَ غَزْوَةً- قَالَ: سَمِعْتُ أَرْبَعًا مِنَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَأَعْجَبْنَنِي، قَالَ:
«لاَ تُسَافِرِ المَرْأَةُ مَسِيرَةَ يَوْمَيْنِ إِلَّا وَمَعَهَا زَوْجُهَا أَوْ ذُو مَحْرَمٍ، وَلاَ صَوْمَ فِي يَوْمَيْنِ: الفِطْرِ وَالأَضْحَى، وَلاَ صَلاَةَ بَعْدَ الصُّبْحِ حَتَّى تَطْلُعَ الشَّمْسُ، وَلاَ بَعْدَ العَصْرِ حَتَّى تَغْرُبَ، وَلاَ تُشَدُّ الرِّحَالُ إِلَّا إِلَى ثَلاَثَةِ مَسَاجِدَ: مَسْجِدِ الحَرَامِ، وَمَسْجِدِ الأَقْصَى، وَمَسْجِدِي هَذَا».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، -ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئون ئىككى قېتىم جەڭگە چىققان- ئۇ كىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن تۆت تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىغان ئېدىم ئۇ سۆزلەر مېنى ھەيران قالدۇردى دەپ، مۇنداق دېدى:
«ئايال ئىككى كۈنلۈك مۇساپىدىكى سەپەرگە يالغۇز چىقمىسۇن، ئېرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقسۇن، ھېچ كىشى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتمىسۇن، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگىچە ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ شامنىڭ ۋاختى كىرمىگۈچە باشقا نەپلە ناماز ئوقۇمىسۇن، ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتلەرگە يۈك-تاقا كۆتۈرۈپ سەپەر قىلىپ بارمىسۇن: ھەرەم مەسچىتى، ئەقسا مەسچىتى ۋە مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىم يەنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيىھسسالام تۆت تۈرلۈك ئىشتىن چەكلىدى:
بىرىنچى: ئايالنى ئىككى كۈنلۈك سەپەر مۇساپىسىنى ئېرىمۇ يوق ۋە باشقا ئۆزىگە مەھرەم بولىدىغان ئوغلى، ئاتىسى، قىرىندىشىنىڭ ئوغلى، ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلى، تاغىسى، ئانا تەرەپ تاغىسى قاتارلىق ئۆزى بىلەن توي قىلىشى ئەبەدى ھارام بولغان مەھرەملىرىمۇ يوق يالغۇز ھالەتتە يۈرۈشتىن چەكلىدى،
ئىككىنچى: روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلىدى، ئۇ نەزىر قىلغان روزا بولسۇن ياكى كاپارەت روزىسى بولسۇن ياكى ھەر قانداق نەپلە روزا بولسۇن ئۇنىڭ ھۆكمى ئوخشاش چەكلىنىدۇ.
ئۈچىنچى: ئەسىر نامىزىنى ئادا قىلىپ بولۇپ كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا ۋە بامدات نامىزىنى ئادا قىلىپ كۈن چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇتلەق نەپلە ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى.
تۆتىنچى: ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىت ۋە ئورۇنلارغا ئۇ يەردە ئىبادەت قىلسا ئەجىر-ساۋاپ زىيادە بولىدۇ، پەزىلەتلىك بولىدۇ دېگەن ئېتىقاد بىلەن بېرىپ ناماز ئادا قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۈچ مەسچىتتىن باشقا ئورۇنلاردا قىلىنغان ئىبادەتنىڭ ۋە نامازنىڭ ئەجىر-ساۋابى زىيادە بولمايدۇ. ئۇلار: ھەرەم مەسچىتى، ئەقسا مەسچىتى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىدىن ئىبارەتتۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئايالنىڭ قەسىر مۇساپىسىدىكى سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشى توغرا بولمايدۇ.
  2. ئايال سەپەردە يەنە بىر ئايالغا مەھرەم بولالمايدۇ، چۈنكى ھەدىستە: ئېرى ياكى مەھرەم بولىدىغان تۇغقانلىرى دەپ كەلگەن.
  3. ئايال سەپەر دەپ ئاتىلىدىغان ھەرقانداق مۇساپىگە يالغۇز مەھرەمسىز چىقىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ ھەدىس سوئال سورىغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ياشاۋاتقان يۇرتىغا كۆرە بايان قىلىنغان.
  4. ئايالنىڭ مەھرەملىرى دېگەن: ئېرى ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىق سەۋەبىدىن ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىش ئەبەدىي چەكلىنىدىغان: ئاتىسى، ئۆغۇللىرى، تاغىسى، ئانا تەرەپ تاغىسى، ئېمىلدەشلىكتىن بولغان ئاتىسى، تاغىسى، ياكى قۇدۇلۇق ياكى كۈيئوغۇللۇق سەۋەبىدىن بولغان تۇغقانلىرى: ئېرىنىڭ ئاتىسى، ئېرىنىڭ ئوغلى قاتارلىقلار، مەھرەم دېگەن: بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا، ئىشەنچىلىك مۇسۇلماندىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئايالنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش ۋە ئىشلىرىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
  5. ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارنى ھىمايە قىلىش ۋە شەرىپىنى قوغداشقا بەك ئەھمىيەت بەرگەن.
  6. بامدات ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن مۇتلەق نەپلە ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىن: ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەن پەرز نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش، مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى قاتارلىق سەۋەپكە ئالاقىدار بولغان نامازلار ئايرىۋېتىلىدۇ.
  7. كۈن چىقىش بىلەنلا دەرھال ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ، بەلكى كۈن چىقىپ ئون مىنۇت ياكى ئون بەش مىنۇت ئەتراپىدا كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگۈچە كۈتۈپ تۇرۇپ ئاندىن ناماز ئادا قىلىنىدۇ.
  8. ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاختى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىدۇ.
  9. بۇ ھەدىستە ئۈچ مەسچىتكە يۈك-تاقا كۆتۈرۈپ سەپەر قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
  10. ئۈچ مەسچىتنىڭ پەزىلىتى ۋە باشقا مەسچىتلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  11. قەبىر زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە سەپەر قىلىش توغرا بولمايدۇ، گەرچە ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسى بولسىمۇ، ئەمما مەدىنىدا بولغان ياكى يوللۇق مەقسەتلەر بىلەن كەلگەن كىشىلەر زىيارەت قىلسا بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ