عن عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«الدُّنْيَا مَتَاعٌ، وَخَيْرُ مَتَاعِ الدُّنْيَا الْمَرْأَةُ الصَّالِحَةُ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«دۇنيا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىدۇر، دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايالدۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ مەلۇم ۋاقىت مەنپەئەتلىنىدىغان ئۇنىڭدىن كېيىن يوق بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى مەنپەئەتنىڭ؛ ئېرى قارىسا خۇرسەن قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىسا ئىتائەت قىلىدىغان، ئېرى يوق ۋاقىتتا ئۆزىنى، ئېرىنىڭ ئابرۇيىنى ۋە مال-مۈلكىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان سالىھ ئايال ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالا دۇنيادا بەندىلىرى ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلماستىن، ھەددىدىن ئاشماستىن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  2. توي قىلغاندا سالىھ ئايالنى تاللاشغا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى سالىھ ئايال ئېرىنىڭ ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ.
  3. دۇنيا مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە بولغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ