عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الْخُدْرِيِّ رضي الله عنه عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«إِنَّ الدُّنْيَا حُلْوَةٌ خَضِرَةٌ، وَإِنَّ اللهَ مُسْتَخْلِفُكُمْ فِيهَا، فَيَنْظُرُ كَيْفَ تَعْمَلُونَ، فَاتَّقُوا الدُّنْيَا وَاتَّقُوا النِّسَاءَ، فَإِنَّ أَوَّلَ فِتْنَةِ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَانَتْ فِي النِّسَاءِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن بولغان».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ تېتىشتا تاتلىق، كۆرۈنۈشتە يېشىل، گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ئالدىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا چۆمۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى ئاساسلىق غايىسى قىلىدۇ دېدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھاياتى دۇنيادا قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىمىزغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىمىزمۇ ياكى ئاسىيلىقمۇ؟، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىش ئۈچۈن بەزىلىرىمىزنى بەزىلىرىمىزگە ئىز باسار قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ نازۇ- نېمەتلىرى ۋە گۈزەللىكلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان بۇيرۇقلارنى تەرك قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ قىلىشىدىن ھەزەر قىلىڭلار دېدى». دۇنيا پىتنىلىرى ئېچىدە ئىنسان ئەڭ ھەزەر قىلىشى كېرەك بولغىنى: ئاياللارنىڭ پىتنىسىدۇر، بۇ ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدىمۇ تۈنجى يۈزبەرگەن پىتنىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇش ۋە دۇنيانىڭ كۆرۈنىشى ۋە زىننەتلىرىگە مەپتۇن بولماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش.
  2. ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن يەنى ئۇلارغا قاراش، يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشقا سەل قاراش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش.
  3. دۇنيادىكى پىتنىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاياللارنىڭ پىتنىسىدۇر.
  4. ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئۈممەتلەردە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ۋەز-نەسىھەت ئىلىش، ئېبرەت ئىلىش.
  5. ئاياللارنىڭ پىتنىسىگە كەلسەك، توي قىلغان ئايال بولسا ئېرىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلىپ ئۇنى دىنى ئىشلارنى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، ئۇنى دۇنيا تەلەپ قىلىش بىلەن ھالاكەتكە ئېتتىرىدۇ. ئەگەر يات ئايال بولسا، ئۇنىڭ پىتنىسى، ئەرلەرنى ئازدۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقاندا ئۇلارنى ھەقتىن بۇرىۋېتىش، بولۇپمۇ ئاياللار ئەخلاقسىز، بۇزۇق بولۇپ قالسا بۇ بەزى ۋاقىتتا ئۆز نوۋېتى بويىنچە زىناغا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئ‍مىن كىشى ئاللاھ بىلەن قوغدىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە رىغبەتلىنىشى كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ