عن يزيد بن شريك بن طارق، قال: رأيت عليًّا رضي الله عنه على المنبر يخطب، فسمعته يقول: لا والله ما عندنا من كتاب نقرؤه: إلا كتاب الله، وما في هذه الصَّحِيفَةِ، فنشرها؛ فإذا فيها: أَسْنَانُ الإبل، وأشياء من الجِرَاحَاتِ. وفيها: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «المدينة حَرَمٌ ما بين عَيْرٍ إلى ثَوْرٍ، فمن أحدث فيها حَدَثًا، أو آوى مُحْدِثًا؛ فعليه لعنة الله والملائكة والناس أجمعين، لا يقبل الله منه يوم القيامة صَرْفًا ولا عَدْلًا. ذِمَّةُ المسلمين واحدة، يسعى بها أَدْنَاهُم، فمن أَخْفَرَ مسلما، فعليه لعنة الله والملائكة والناس أجمعين، لا يقبل الله منه يوم القيامة صَرْفًا ولا عَدْلًا. ومن ادعى إلى غير أبيه، أو انتمى إلى غير مواليه، فعليه لعنة الله والملائكة والناس أجمعين؛ لا يقبل الله منه يوم القيامة صَرْفًا ولا عَدْلًا».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

يەزىد ئىبىنى شەرىك ئىبنى تارىقتىن رىۋايەت قىلىنىشچە ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنبەردە خۇتبە سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ خۇتبىسىدە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بىزدە قۇرئان كەرىم ۋە بۇ ۋاراقتىكى نەرسىدىن باشقا ئوقۇيدىغان كىتاب يوق دەپ ئۇنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇ ۋاراقچىدا: تۆگىنىڭ ياشلىرى، يارىلاندۇرۇشقا ئالاقىدار دىيەتلەر بار ئىكەن. شۇنداقلا يەنە رەسۇلۇللاھ: «مەدىنە ئېيىر تېغىدىن سەۋىر تېغىغا قەدەر ھارام قىلىندى، كىم بۇ يەردە شەرىئەتتە يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلسا ياكى بىر بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ ئامانلىقى بىردۇر، ئۇنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مۇسۇلمانمۇ قىلالايدۇ. كىم قايسى بىر مۇسۇلمان بەرگەن ۋەدىنى بۇزۇۋەتسە ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن، ئاللاھ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى پەرز ياكى نەپلە ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىم ئۆز دادىسىدىن باشقا ئادەمنى دادام دەپ دەۋا قىلسا ياكى ئازات قىلىۋەتكەن ئىگىسىدىن باشقا بەر ئادەمگە نىسبەت بەرسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولسۇن. شۇنداقلا ئاللاھ ئۇنىڭدىن قىيامەت كۈنى پەرز ياكى نەپلە ئىبادەتنى قوبۇل قىلمايدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنبەردە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزدە ئوقۇيدىغان قۇرئان كەرىم ۋە بۇ ۋاراقچىدىن باشقا نەرسە يوق دەپ ئۇنى ئېچىپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا تۆگىنىڭ دىيەتلىرى، يارىلاندۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملىرى بار ئىكەن. يەنە ئۇنىڭدا رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىنى ئېيىر تېغىدىن سەۋىر تېغىغىچە مەككىگە ئوخشاش ھارام قىلغانلىقى، كىم ئۇ يەردە دىندا يوق بىدئەتلەرنى پەيدا قىلسا ياكى مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بېرىشكە سەۋەب بولغان بولسا ياكى دىندا يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلغان بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالغان بولسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتىنىڭ بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنە ئۇنىڭدا: مۇسۇلماننىڭ كاپىرغا بەرگەن ئامانلىقى تونۇشلۇق شەرتلىرى بىلەن بولسا ھىمايە قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇ كاپىرغا مەزكۇر مۇددەت ئىچىدە چېقىلىشنىڭ ھاراملىقى كۆرسىتىلگەن. كىم مۇسۇلماننىڭ ئامانلىقىنى بۇزۇپ، كاپىرغا چېقىلسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. كىم دادىسىدىن باشقا ئادەمنى دادام دەپ تۇرۇۋالسا ياكى ئازات قىلىپ قويغان ئادەمدىن باشقىسىنى خوجايىنىم مۇشۇ دەپ تۇرۇۋالسا ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ لەنىتى بولىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ پەرز ۋە نەپلە ئىبادىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئازات قىلىپ قويۇشتىن ئىبارەت نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، مىراسخۇرلۇق ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققىنى زايا قىلىۋەتكەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ