عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم يوم فتح مكة: «لا هجرة بعد الفتح، ولكن جهاد ونية. وإذا اسْتُنْفِرْتُم فَانْفِرُوا. وقال يوم فتح مكة: «إن هذا البَلد حَرَّمَهُ الله يوم خلق الله السموات والأرض، فهو حَرَامٌ بحُرْمَةِ الله إلَى يوم القيامة، وإنه لم يحل القتال فيه لِأَحَدٍ قَبْلِي، ولم يَحِلَّ لي إلا ساعة من نهار، حرام بِحرمة الله إلى يوم القيامة، لا يُعْضَدُ شَوْكُهُ، وَلاَ يُنَفَّرُ صَيْدُهُ، وَلاَ يَلْتَقِطُ لُقَطَتَهُ إلا من عَرَّفَهَا، ولاَ يُخْتَلَى خَلاَهُ». فقال العباس: يا رسول الله، إلا الإِذْخِرَ؛ فإنه لِقَيْنِهِمْ وبيوتهم؟ فقال: «إلا الإِذْخِرَ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتھى كۈنى مۇنداق دېگەن: مەككە پەتھىدىن كېيىن ھىجرەت يوق، لېكىن جىھاد ۋە ئۇنىڭغا نىيەت قىلىش مەجۇت، ئەگەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار چىقىڭلار. شۇ كۈنى رەسۇلۇللاھ: بۇ شەھەرنى ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئاسمان زېمىننى ياراتقان چاغدا ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلغان، ئۇنداقتا بۇ شەھەر ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىشى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە ھارام بولدى. شەكسىزكى بۇنىڭدا ئۇرۇش قىلىش مەندىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ھالال بولمىغان، ماڭىمۇ بۈگۈن بىرقانچە سائەتلام ھالال قىلىندى، بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىشى بىلەن قىيامەت كۈنىگىچە ھارامدۇر. ھەرەم چىگراسى ئىچىدە ھەتتا تىكەنمۇ كېسىلمەيدۇ، ھايۋانلىرى ئۆكۈتۈلمەيدۇ، ئۇنىڭدا تېپىۋېلىنغان نەرسىنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن ئالمىسا ئۇنى ئېلىشقىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى ئوت-چۆپلەرمۇ ئورالمايدۇ، دىۋېدى. ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قەغەزگۇلدىن باشقىسى شۇنداق بولسا، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ تۆمۈرچىلىك ئىشلىرى ۋە ئۆيلىرىگە لازىم بولىدۇ دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: قەغەزگۈلدىن باشقىسى شۇنداق بولسۇن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھى بولغان كۈنى خۇتبە سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: مەككىدىن ھىجرەت قىلىش يوق، چۈنكى ئۇ ئىسلام دىيارى بولدى، ئەمما جىھاد داۋملىشىدۇ ۋە جىھادقا چىقىشى تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئەمىرنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى لازىم. ئاندىن مەككىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا ھارام قىلىنغان شەھەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇنىڭ ھاراملىقى ئاللاھ تائالا ئاسمان ۋە زېمىننى ياراتقاندىن تارتىپ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، بۇ پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ھالال قىلىنمىغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچكىمگە ھەرگىز ھالال بولمايدىغانلىقى، ھەتتا پەيغەمبىرىمىزگىمۇ شۇ كۈنى بىرقانچە سائەتلام رۇخسەت قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىيىن ھاراملىقىغا قايتۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن مەككىنىڭ ھاراملىقىنى بايان قىلىپ: ھەرەم دائىرىسىدە ھەتتا تىكەنمۇ كېسىلمەسلىكى، ھايۋانلىرى ئۆكۈتۈلمەسلىكى، ئۇنىڭدا تېپىۋېلىنغان نەرسىنى ئېلان قىلىش يۈزىسىدىن ئالمىسا ئېلىشقا رۇخسەت يوقلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى ئوت-چۆپلەرنىڭمۇ ئورالماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن قەغەزگۈل مەككە ئەھلىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇستەسنا قىلىندى. تەيسىيرىل ئەللام 384- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 515- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم351- بەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ