عن عائشة رضي الله عنها : «أن رسول الله صلى الله عليه وسلم كان يعتكف في الْعَشْرِ الْأَوَاخِرِ من رمضان، حتى توفاه الله عز وجل ، ثم اعتكف أزواجه بعده». وفي لفظ «كان رسول الله صلى الله عليه وسلم يَعتكِفُ في كلِّ رمضان، فإذا صلى الغَدَاةَ جاء مكانه الذي اعْتَكَفَ فيه».
[صحيح] - [الرواية الأولى متفق عليها. الرواية الثانية رواها البخاري]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىمۇ ئېتىكاپ قىلىشتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر رامىزاندا ئېتىكاپتا تۇراتتى، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولسا ئېتىكاپتا تۇرىدىغان جايىغا كېلەتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قەدىر كېچىسىنىڭ رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ كېچىنى ئىزدەپ رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپتا تۇرغانلىقىنى، بۇ ئىشنى ئاللاھ تائالا ئۇنى ۋاپات تاپقۇزغۇچە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغانلىقىغا ۋە بۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئەمەسلىكىگە، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىن ئاياللىرىنىڭمۇ ئېتىكاپ قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولسا، پەرەۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىش ۋە دۇئا تەلەپ قىلىش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجرىتىش يۈزىسىدىن ئېتىكاپتا تۇرىدىغان جايىغا كىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئەلۋەتتە مەلۇم بىر ئىبادەتكە ۋاقىت ئاجرىتىش، ئىنسانلاردىن ئالاقىلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ بولمايدۇ. تەيسىيرىل ئەللام (351- بەت)، تەنبىھۇل ئەفھام (3- توم، 476- بەتلەر)، تەئسىسۇل ئەھكام (3- توم، 296- بەت)

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ