عن أنس بن مالك رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم «تَسَحَّرُوا؛ فإن في السَّحُورِ بَركة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: سوھۇرلۇق يەڭلار! ھەقىقەتەن ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام روزا تۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن سوھۇرلۇق (يەنى تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدىكى يىيىش ۋە ئىچىش) يىيىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئىلاھى ھىكمىتىنى بايان قىلىدۇ، بۇنىڭدىكى ھىكمەت بەرەكەتنىڭ ھاسىل بولۇشىدۇر. بۇ بەرەكەت دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سوھۇرلۇقنىڭ بەرىكىتىدىن: كۈندۈزى ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئوزۇقلۇنۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالامغا ئەگىشىشتىن ھاسىل بولىدىغان ساۋاپ ۋە ئەھلى كىتاپقا ئوخشاپ قالماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. يەنە بۇنىڭ بەرىكىتىدىن: كىشى سوھۇرلۇققا تۇرسا، بەلكى نەپلە ناماز ئۇقۇشى، ياكى ئۆزى بىلىدىغان بىرەر ھاجەتمەنگە ياردەم بېرىشى مۇمكىن، بەلكى قورئان ئوقۇشى مۇمكىن. يەنە بۇ سوھۇرلۇقنىڭ بەرەكەتلىرىدىن: ئەگەر بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىشنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالامغا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا بۇ ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ شەرىئىتى نۇرغۇنلىغان ھىكمەت ۋە سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. يەنە بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ پايدىلاردىن بىرى: بامدات نامىزىغا ئويغۇنۇش، شۇڭا سوھۇرلۇقتىن كېيىن ئۇخلاپ قېلپ بامدات نامىزى قازا بولماسلىقى ئۈچۈن، سوھۇرلۇقنى كىچىكتۈرۈپ يىيىشكە بۇيرۇدى، بۇ سوھۇرلۇق يىمىگەنلەرگە ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان ئىشتۇر. سوھۇرلۇق سەۋەبىدىن، باشقا ئايلارغا قارىغاندا رامىزان ئېىيىدا بامدات نامىزىدىكى جامائەتلەر كۆپ بولىدۇ. تەيسىيرىل ئەللام 317- بەت، تەنبىھۇل ئەفھام 3- توم 417- بەت، تەئسىسۇل ئەھكام 3- توم217- بەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ