عن زيد بن خالد الجهني رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال: «مَنْ فَطَّرَ صائمًا، كان له مِثْلُ أجْرِهِ، غَيْرَ أنَّهُ لاَ يُنْقَصُ مِنْ أجْرِ الصَّائِمِ شَيْءٌ».
[صحيح] - [رواه الترمذي وابن ماجه والنسائي في الكبرى والدارمي وأحمد]
المزيــد ...

زەيد ئىبنى خالىد جۇھەنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزا تۇتقۇچىغا ئىپتارلىق بەرسە روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇھەدىستە روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرغاننىڭ پەزىلىتى، ئۇنىڭغا ئىنتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش، روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا روزا تۇتقۇچىنىڭ ئەجىردىن ھېچ نەرسە كېمەيمەستىن ئىپتار بەرگۈچىگە روزا تۇتقۇچىنىڭكىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان، بۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قىلغان پەزلى-ئېھسانىدۇر، بۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا ياخشىلىق، تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىش، مېھرى-مۇھەببەت پەيدا قىلىش، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەمكارلىك پەيدا قىلىش مەقسەت قىلىنغان، سىرىتقى كۆرۈنىشىدىن بىر ئىنسان ئەگەر روزا تۇتقۇچىنى بىر تال خورما چاغلىق نەرسە بىلەن بولسىمۇ ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇ كىشى ئۈچۈنمۇ روزا تۇتقان كىشىگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان روزا تۇتقۇچىنى ئىپتار قىلدۇرۇشقا كۈچىنىڭ يىتىشچە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك، بولۇپمۇ پىقىر-مىسكىنلەرنىڭ ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا ھاجىتى بولغاندا ياكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئىپتارلىق تەييارلاپ بېرىدىغان كىشى تاپالماي، ئىپتار قىلدۇرغۇچىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا بۇنىڭغا بەك ھېرىسمەن بولۇش كېرەك

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ