عن أبي سعيد الخُدْري رضي الله عنه : «أن رسول الله صلى الله عليه وسلم كان يَعْتَكِفُ في العَشْرِ الأَوْسَطِ من رمضان. فاعتكف عامًا، حتى إذا كانت لَيْلَةَ إِحْدَى وَعِشْرِينَ -وهي اللَّيْلَةُ التي يخرج من صَبِيحَتِهَا من اعتكافه- قال: من اعتكف معي فَلْيَعْتَكِفِ العَشْرَ الأَوَاخِرَ فقد أُرِيتُ هَذِهِ اللَّيْلَةَ ثم أُنْسِيتُهَا، وقد رَأَيْتُنِي أَسْجُدُ فِي مَاءٍ وَطِينٍ من صَبِيحَتِهَا، فَالْتَمِسُوهَا فِي العَشْرِ الأَوَاخِرِ، والتمسوها في كل وِتْرٍ. فَمَطَرَتِ السَّمَاءُ تلك الليلة، وكان المسجد على عَرِيشٍ، فَوَكَفَ المسجد، فَأبْصَرَتْ عَيْنَايَ رسول الله صلى الله عليه وسلم وعلى جَبْهَتِهِ أَثَرُ المَاءِ وَالطِّين من صُبْحِ إحْدَى وَعشْرِيْنَ». المزيد
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى ئون كۈنىدە ئېتىكاپتا تۇراتتى، بىر يىلى ئېتىكاپتا تۇردى، ھەتتاكى رامزاننىڭ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى بولغاندا، (ئەسلى ئاشۇ كۈنى سەھەردە ئېتىكاپتىن چىقىدىغان كۈن ئىدى) دېدى: كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا چۈشۈمدە قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن شۇ كۈنى سەھەردە چۈشۈمدە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار ۋە ھەر تاق كۈنلەردە ئىزدەڭلار، شۇ كۈنى كېچىدە يامغۇر ياغدى، ئۇ زاماندا مەسچىتنىڭ ئۈستى خورما شېخىدا يېپىقلىق ئېدى، يامغۇر تامچىپ ئۆتۈپ كەتتى، يىگىرمە بىرىنچى كۈنى سەھەردە مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدا سۇ ۋە لاينىڭ ئىزىنى كۆردۈم