عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«مَنْ يَقُمْ لَيْلَةَ الْقَدْرِ إِيمَانًا وَاحْتِسَابًا غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ»

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 35]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 35]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە بولىدىغان قەدىر كېچىسى توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: كىمكى قەدىر كېچىسىدە دۇئا، ناماز، قۇرئان تىلاۋېتى، زىكىر-تەسبىھ قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلىشقا تېرىشچانلىق قىلسا، چىن دىلىدىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كەلگەن خەۋەرلەرگە ئىشەنسە، ئەمەلدە رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلماستىن پەقەت ئاللاھ تائالادىن ساۋاپ ئۈمىد قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇ كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا قىزىقتۇرۇش.
  2. ياخشى ئەمەللەر پەقەت سەمىمى نىيەت بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ.
  3. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى ۋە رەھمىتىدىن: «كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ