رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىش

5ھەدىسلەر تىزىملىكى

ھەدىسلەر تىزىملىكى 5

كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
قەدىر كېچىسىنى ئاخىرىقى ئوندىكى تاق كېچىلەردىن ئىزدەڭلار
مېنىڭ قارىشىمچە چۈشلىرىڭلار ئاخىرقى يەتتە كۈندە بىرلىككە كەلدى، قەدىر كېچىسىنى ئىزدىگۈچىلەر ئاخىرقى يەتتە كۈندە ئىزدىسۇن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە كېچىچە ئىبادەت قىلاتتى، ئائىلىسىنى نامازغا ئويغىتاتتى ۋە ھېممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلاتتى
كىمكى مەن بىلەن ئېتىكاپ قىلىدىكەن، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە قىلسۇن، ماڭا قەدىر كېچىسى كۆرسىتىلگەن، ئاندىن ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم، مەن ئۆزۈمنى شۇ كۈنى سەھەردە بىر سۇ ۋە لايغا سەجدە قىلغىنىمنى كۆرگەنىدىم، سىلەر ئۇنى رامىزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدىن ئىزدەڭلار