ھەدىسلەر تىزىملىكى

ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان
عربي الإنجليزية الأوردية
تاماق ھازىر بولغاندا ۋە چوڭ-كېچىك تەرەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
جۈمە كۈنىدە ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى ھەمراھىڭغا: جىم تۇرغىن دېسەڭ، جۈمەنىڭ پەزىلىتىنى بىكار قىلغان بولىسەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! مېنىڭ قەبرەمنى كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەئ‍بەد قىلمىسلا
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانغاندا؛ بەش ۋاقىت نامازلار، جۈمە يەنە بىر جۈمەگىچە، رامىزان يەنە بىر رامىزانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كېچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن بۇ كەلىمىلەرنى دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار»
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇلار ئۆز ئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! سەن سالامەتلىك ئاتا قىلغۇچى!، سالامەتلىك سېنىڭدىن بولىدۇ، سەن بەرىكەتلىك، سەن كاتتا ئۇلۇغ زاتسەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۆرە تۈرۈپ ئوقىغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، ئولتۇرۇپ ئوقۇغىن، ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ يېنى يېتىپ ئوقۇغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بېرىڭلار نامازغا كەلگەندە ئىمام قانداق ھالەتتە بولسا ئىمامنىڭ قىلغىنىنى قىلسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىسلام بەش ئاساسنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلسام، رامىزان روزىسىنى تۇتسام، ھالالنى ھالال ۋە ھارامنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلسام
عربي الإنجليزية الأوردية
پاكلىق ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، ئەلھەمدۇلىللاھ مىزاننى توشقۇزىدۇ، سۇبھانە ئاللاھ ۋە ئەلھەمدۇ لىللاھ بۇ ئىككى كەلىمە ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى توشقۇزىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇئەززىن: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار: ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر دېسە
عربي الإنجليزية الأوردية
نامازنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە كەلگەن ھامان ئوقۇشى كېرەك، نامازنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا كاپارىتى يوق
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇسۇلمان بىلەن شېرىك ۋە كاپىر ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەھدە نامازدۇر، نامازنى تەرك قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەزاننى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا، مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى دەڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
سەپلىرىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى سەپلەرنى رۇسلاش نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشنىڭ جۈملىسىدىندۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون رەكەت نەپلە نامازنى ئېسىمدە تۇتتۇم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا، بىر ئادەمنىڭ نامازدا تۇرغاندا تاھارىتى سۇنغاندەك ھېس قىلىپ قالىدىغانلىقى شىكايەت قىلىنغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بىرەر ئاۋاز ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراق ھېدلانمىغۇچە نامازدىن چىقىپ كەتمىسۇن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا يىمەك ھازىر بولۇپ قالسا، ئەۋۋەل يىمەك يەڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بامداتتىن كېيىن كۈن كۆتۈرۈلگۈچە، ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقۇچە ناماز ئوقۇشتىن توسقان
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورقمامدۇ؟! ياكى سىلەرنىڭ بىرىڭلار بېشىنى ئىمامدىن بۇرۇن كۆتەرسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بېشىنى ئېشەكنىڭ بىشىغا ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى سۈرىتىنى ئېشەكنىڭ سۈرىتىگە ئايلاندۇرىۋېتىشىدىن قورقمامدۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز باشلىغاندا قولىنى مۆرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇغا تەكبىر ئېيتقاندا ۋە رۇكۇدىن يانغاندىمۇ شۇنداق كۆتۈرەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئالقىنىمنى ئۆزىنىڭ ئىككى ئالقىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ قۇرئان كەرىمدىن سۈرە ئۈگەتكەندەك تەشەھھۇتنى ئۈگەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ قەبىر ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھاياتلىقنىڭ ۋە ماماتلىقنىڭ پىتنىسىدىن، مەسىھ دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھلىق تېلەيمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى رەسۇلۇللاھ! ئاتا-ئانام سىلىگە پىدا بولسۇن، نامازلىرىدا تەكبىر بىلەن قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئارىلىقىدا جىم تۇرغانلىرىدا نېمە دەيلا؟ دېسەم رەسۇلۇللاھ: ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىم بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىمنى شەرق بىلەن غەرىبنىڭ ئارىلىقىنى يېراق قىلغاندەك يېراق قىلغىن، ئى ئاللاھ! مېنى ئاق كىيىم كىردىن تازىلانغىدەك تازىلىغىن، ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمنى سۇ بىلەن، قار بىلەن ۋە مۆلدۈر بىلەن يۇغىن، دەيمەن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سەجدىدە راۋرۇس بولۇڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئىككى بىلىكىنى ئىتقا ئوخشاش يەرگە چاپلىۋالمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ دەپ سورىسام، ھەئە، دەپ جاۋاپ بەردى
عربي الإنجليزية الأوردية
قايسى ئىش ئاللاھ تائالاغا بەك ياخشى كۆرەلگۈچى؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى؟ دېسەم، :« ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قايسى دېسەم، :«ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، نامازنى تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى بېرىش، ھەقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ھەر بىر مۇسۇلمانغا سەمىمى بولۇشتىن ئىبارەت ئىشلارغا بەيئەت قىلدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كۈنى خۇپتەن نامىزىنى كىچىكتۈرىۋەتكەن ئىدى، ئۆمەر تۇرۇپ: «ناماز ئى رەسۇلۇللاھ! ئايال ۋە بالىلار ئۇخلاپ كەتتى» دېدى. رەسۇلۇللاھ بېشىدىن سۇ تامچىغان ھالدا چىقىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولمايدىغان بولسا خۇپتەن نامىزىنى بۇ ۋاقىتتا ئوقۇشقا بۇيرۇيتتىم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئائىشە! تۇرۇڭ ۋىتىر ئوقۇڭ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ، رازىلىقىڭ بىلەن غەزىبىڭدىن، سېنىڭ ئەپۇ قىلىشىڭ بىلەن ئازابىڭدىن ساقلاپ قىلىشىڭنى سورايمەن ۋە سەندىن ئۆزۈڭ بىلەن پاناھلىنىمەن، سېنى قانچىلىك مەدھىيىلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇنىڭ ئىككى قۇلىقىغا ياكى قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان ئادەم ئىكەن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى (سالاتۇل بەردەين) يەنى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا جەننەتكە كىرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى خام سامساق ياكى پىياز يېسە، بىزدىن يىراق تۇرسۇن ياكى مەسجىدىمىزدىن يىراق تۇرسۇن ۋە ئۆيىدە ئولتۇرسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىدە، تۆۋەندىكى دۇئانى كۆپ تەكرارلايتتى: (سۇبھانەكەللاھۇممە رەببەنا ۋە بىھەمدىكە، ئاللاھۇممەغفىرلى) ئى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، سەن ھەممىدىن پاك ۋە پۈتۈن ھەمدۇ - سانا ساڭا خاستۇر، ئى ئاللاھ مېنىڭ گۇناھىمنى مەغپىرەت قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كېچىسى، كېچىنىڭ دەسلىپى ۋە تەڭ كېچىدە، كېچىنىڭ ئاخىرىدا ۋىتىر نامىزى ئوقۇيتتى، ۋىتىرنى سەھەر ۋاقتىغىچە ئاخىرلاشتۇراتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ يېنىمىزغا چىققان ئېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! سىلىگە قانداق شەكىلدە سالام بېرىشنى تەلىم بەردىلە، سىلىگە قانداق شەكىلدە دۇرۇت يوللايمىز؟
عربي الإنجليزية الأوردية
سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەستۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى جۈمە كۈنى مۇكەممەل غۇسلى قىلىپ نامازنىڭ دەسلەپكى ۋاقتىدا «جۈمەگە» بارسا بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئىككىنچى سائەتتە بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى تاھارىتىنى كامىل ئېلىپ، جۈمەگە كىلىپ جىم ئولتۇرۇپ خۇتبە ئاڭلىسا، بۇ جۈمە بىلەن يەنە بىر جۈمە ئارىلىقىدىكى گۇناھى ۋە بۇنىڭغا يەنە ئۈچ كۈن ئېچىدىكى گۇناھى قوشۇلۇپ ئەپۇ قېلىنىدۇ، كىمكى ئۆز قولى بىلەن ئۇششاق تاشلارنى ئېتىرىۋەتسىمۇ ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ئىمام (ئامىن) دېسە سىلەرمۇ بىللە ئامىن دەڭلار، چۈنكى قانداق بىر ئادەمنىڭ ئامىن دېيىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دېيىشىگە ئۇدۇل كېلىپ قالسا، ئۇنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىمام ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن تەيىنلىنىدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار. ئەگەر ئۇ ئاللاھۇ ئەكبەر، دېسە، بىللە دەڭلار. ئەگەر رۇكۇ قىلسا، بىللە قىلىڭلار. ئەگەر سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە، دېسە، سىلەر: رەببەنا ۋە لەكەلھەمدۇ، دەڭلار. ئەگەر سەجدە قىلسا، بىللە قىلىڭلار! ئەگەر ئۇ نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ ئىمام بولسا، سىلەر ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى (يەنى ئەسىر نامىزى بىلەن بامداتنى)ئوقۇغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر پەرز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئوتتۇز ئۈچ تەسبىھ، ئوتتۇز ئۈچ تەھمىد ۋە ئوتتۇز تۆت تەكبىر بار، بۇنى دېگەن ياكى دائىملىق ئادەت قىلغان كىشى زىيان تارتمايدۇ ۋە پۇشايمان قىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغىنىنى ئاڭلىغاندا: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ئاللاھ يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاللاھ تائالاغا رەب جەھەتتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەلچىلىك جەھەتتە ۋە ئىسلامغا دىن جەھەتتە رازى بولدۇم دېسە، ئۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە ئايىتىنى ئوقۇپ سەجدە قىلغاندا، شەيتان بىر چەتكە چىقىپ يىغلايدۇ، ۋاي ئىسىت! ئادەم ئەۋلادلىرى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدى، سەجدە قىلدى، جەننەتكە ئېرىشتى، مەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلغاندا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ دوزاخقا ئېرىشتىم دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئەزاننى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئى مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ، ئادا قىلىنماقچى بولغان نامازنىڭ رەببى! پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ۋەسىلە ۋە پەزىلەتنى ئاتا قىلغىن، ئۇنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق مەقام بىلەن شەرەپلەندۇرگىن دېسە، قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇنىڭغا شاپائەت قىلىشىم ۋاجىپ بولىدۇ.
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ بالاغەتكە يەتكەن ئايالنىڭ رومالسىز ئوقۇغان نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغ ئۈستىدە ئالدى قايسى تەرەپكە بولسۇن نەپلە نامازنى ئوقۇۋېرەتتى، پەرز ئوقۇماقچى بولغاندا ئۇلاغ ئۈستىدىن چۈشۈپ، قىبلىگە قاراپ ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەرگە چىققان ۋاقتىدا نەپلە ناماز ئۇقۇماقچى بولسا، تۆگىسىنىڭ ئۈستىدىكى ھالەتتە قىبلىگە يۈزلىنىپ ناماز باشلايتتى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇلىغى يۈزلەنگەن تەرەپگە قاراپ ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
تەسبىھ ئەرلەرگە، چاۋاك ئاياللارغا خاس
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىشىلەرنى توسۇپ تۇرىدىغان بىر نەرسىنى سەتىر قىلىپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا بىرەر كىشى سەتىر بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئارىسىدىن مېڭىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنى ئۆتكۈزمەستىن ئېتىرىۋەتسۇن، ئەگەر ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇ شەيتاندۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغۇچىلارنى نامازدا قولىنى بىلىگە قويۇپ تۇرۇشتىن چەكلىگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ پەردىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ, ئۇنىڭدىكى سۈرەتلەر نامازدا دېققىتىمنى چېچىۋاتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سەجدە قىلغان ۋاقىتتا ئىككى ئالقىنىڭنى قويغىن، ئىككى جەينىكىڭنى كۆتۈرگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت ۋە پېشىندىن كېيىن تۆت رەكەت ناماز ئوقۇشقا ئەھمىيەت بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە دوزاخنى ھارام قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كېچە ۋە كۈندۈز نامىزى ئىككى رەكەت-ئىككى رەكەتتىن بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئائىشە! ئىككى كۆزۈم ئۇخلىغان بىلەن، قەلبىم ئۇخلىمايدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامازدىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن زىمام بىن سەئلەبە بەنى سەئەد بىن بەكىرنىڭ قېرىندىشى دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردا مۇئەززىن دېگەن سۆزنىڭ ئوخشىشىنى دەڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن بىر مەسچىت بىنا قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتتە ئۇنىڭ ئوخشىشىنى بىنا قىلىدۇ»دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىمدە ئوقۇلغان بىر رەكەت ناماز ھەرەم مەسچىتىدىن باشقا مەسچىتلەردە ئوقۇلغان مىڭ رەكەت نامازدىن ياخشىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرسە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەسچىتكە كىرگەندە: ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمەت ئېشىكىڭنى ئېچىۋەتكىن دېسۇن، مەسچىتتىن چېقىدىغان ۋاقىتتا: ئى ئاللاھ! مەن سەندىن پەزلى-رەھمىتىڭنى سورايمەن دېسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى بىلال! نامازغا تەكبىر ئېيتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىزنى راھەتلەندۈرگىن»دېگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە نامازنى ماڭا ئوخشاش ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ناماز ئادا قىلماقچى بولساڭلار، سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىڭلار ئىمام بولسۇن، ئۇ تەكبىر ئېيتقاندا، تەكبىر ئېيتىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر ئوقۇغان نامىزى مۇشۇنداق ئېدى دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى نامازىنى ئوغۇرلىغۇچىدۇر»، ئەبۇ ھۈرەيرە: نامىزىنى قانداق ئوغۇرلايدۇ؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «نامازنىڭ رۇكۇ ۋە سەجدىلىرىنى تولۇق ئادا قىلمايدۇ» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا: «رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، رەببىم! مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىلال كېچىدە ئەزان ئېيتىدۇ، سىلەر ئىبنى ئۇممى مەكتۇم ئەزان ئېيىتقۇچە يەپ-ئىچىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر ئەئرابى كىلىپ مەسچىتنىڭ بىر تەرىپىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاچچىقلانغىلى تۇردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسۇۋالدى ۋە ساھابىلەرنى بىر چىلەك سۇ ئەپكىلىپ، سۈيدۈك ئۈستىگە توكۈۋىتىشكە بۇيرىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
قىبلىگە قارىماي ناماز ئوقۇغانلىقىڭنى كۆردۈم دېگىنىمدە، ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ ماڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سەپلىرىڭلارنى رۇس قىلىڭلار، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاللاھ تائالا دىللىرىڭلارنى قارىمۇ-قارشى قىلىۋىتىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئىمام بولۇپ پىشىن نامىزىنى ئوقۇپ بەردى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتىن كېيىن ئولتۇرماي قىيامغا تۇرۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەرمۇ تۇرۇپ كەتتى. ناماز تۆگەيدىغان چاغدا، كىشىلەر سالام بېرىشنى ساقلاپ تۇرغاندا، سالام بېرىشتىن ئىلگىرى ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قېتىم سەجدە قىلىپ، ئاندىن سالام بەردى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن بالاغەتكە يەتكەن ۋاقىتلىرىمدا، بىر كۈنى چىشى ئىشەككە مېنىپ مىناغا كەلسەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ يەردە ئوچۇقچۇلۇقتا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازغا تۇرسا باشلىغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، رۇكۇ قىلغاندا تەكبىر ئېيتاتتى، دۇمبىسىنى رۇكۇدىن كۆتەرگەن چاغدا « سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» دەپ ئۆرە تۇراتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا شۇ ياققا قاراپ ئۇلىغىىڭ ئۈستىدە بىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىپ نەپلە نامىزىنى ئوقۇيتتى،. ئىبنى ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كەئبىگە كىردى، كەينىدىن ئۇسامە ئىبنى زەيىد، بىلال، ئوسمان ئىبنى تەلھەلەرمۇ كىردى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا قازىخانا تەرەپتىكى ئىشىكتىن مەسچىتكە كىردى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇرۇپ، ئۇنىڭ نامىزىنى كۆزەتتىم. ئۇنىڭ قىيامدا تۇرۇشىنى، ئاندىن رۇكۇ قىلىشىنى، ئاندىن رۇكۇدىن تىك تۇرۇشىنى، ئاندىن سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن ئىككى سەجدە ئارىسىدا ئولتۇرۇشىنى، ئاندىن يەنە سەجدە قىلىشىنى، ئاندىن سالام بېرىپ بولۇپ قوپۇپ كېتىش ئارىلىقىنى باراۋەر كەلگىلى ئاز قالغاندەك كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسچىتكە كىرگەن ئىدى، كەينىدىن بىر ئادەم كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىپ سالام قىلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا: نامازنى قايتا ئوقۇغىن، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ بېرىپ ئاۋالقىدەكلا ناماز ئوقۇپ كېلىپ رەسۇلۇللاھقا سالام قىلغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ: بېرىپ نامازنى قايتا ئوقۇ، چۈنكى سەن ناماز ئوقۇمۇدۇڭ، دېدى. بۇ ئىش ئۈچ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ھېلىقى ئادەم: سىلىنى ھەق بىلەن ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى مەن بۇنىڭدىن ياخشىراق ئوقۇيالمايمەن ماڭا ئۈگۈتۈپ قويسىلا، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ: نامازغا تۇرغىنىڭدا تەكبىر ئېيىت، ئاندىن قۇرئاندىن ساڭا ئاسان بولغىنىنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇغا بېرىپ رۇكۇدا تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس تۇرغىن، ئاندىن سەجدە قىلىپ، سەجدىدە تەمكىن تۇرغىن، ئاندىن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ رۇس ئۆلتۈرغىن، پۈتۈن نامىزىڭدا مۇشۇنداق قىلغىن، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قىزى زەينەبنىڭ قىزى ئۇمامەنى كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ھەممە ئىشتا ئىستىخار سېلىشنى قۇرئان ئايەتلىرىنى ئۆگەتكەندەك ئۆگىتەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىلال ئەزاننى جۇپ، تەكبىرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
تۇرۇڭلار مەن سىلەرگە ناماز ئوقۇپ بىرەي
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلاردىن ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا ئۇنى توسمىسۇن، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىسى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاياللارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز، دېدى، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەرھال بالىسىغا يوپۇرلۇپ كېلىپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئۇنى تىللاپ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسىماسلىق توغرۇلۇق ھەدىسىنى بايان قىلىۋاتسام، سەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەپلە ئىبادەتلەر ئىچىدە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىنمۇ بەكراق چىڭ تۇتقان ئىبادەت يوق ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پىشىننى كۈن قەرىلگەندە، ئەسىرنى بولسا كۈن تېخى نۇرلۇق چاغدا، شامنى كۈن پاتقاندا ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قىزىل چىدىردا تۇرغاندا كەلدىم، ئۇ دەيدۇ: بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئېشىپ قالغان تاھارەت سۇيىنى ئېلىپ چىقتى، بەزىلەر ئۇ سۇنى ئۆزىگە تۆكىۋالسا، سۇ يەتمىگەنلەر ئۇلارغا قولىنى سۇرىۋالاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئوقۇسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىدىن بەزىسى ئۆزلىرىنى يۆگىگەن ھالدا جامائەتكە قاتنىشاتتى، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتىشاتتى، ئەمما قاراڭغۇدا ئۇلارنى ھېچكىم تونىيالمايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
تاڭ سۈزۈلۈشتىن بۇرۇن ۋىتىر ئوقۇشقا ئالدىراڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
بىرەرسىڭلار كېچىدە تۇرغاندا، قۇرئان تىلىغا كەلمەي، نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمىسە، يېتىپ ئارام ئالسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى ناماز ئوقۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كېتەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھغا شەھەرلەر ئېچىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك جايلار ئۇنىڭ مەسچىتلىرىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى ئەڭ ياقتۇرمايدىغان جايى ئۇنىڭ بازارلىرىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر كىشى جۈمە كۈنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە سۆزلەۋاتقاندا كېلىپ ئولتۇردى، رەسۇلۇللاھ: ئى پالانى ناماز ئوقۇدۇڭمۇ دېگەندە، ئۇ كىشى: ياق، دېدى. رەسۇلۇللاھ: تۇرۇپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقىغىن دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەمرا بولدۇم، ئۇ سەپەردىكى چاغلىرىدا نامازنى ئىككى رەكەتتىن زىيادە ئوقۇمايتتى. ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھبىلاردىن بىرىنى قوشۇن بېشى قىلىپ بىر يەرگە ئەۋەتتى، ئۇ كىشى نامازنىڭ ھەر ئىككىنچى رەكەتىگە «قۇل ھۇۋەللاھۇ ئەھەد» سۈرىسىنى ئوقۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى تەرىپىدە، ئىككى پۇتۇمنى قىبلىسى تەرىپىگە سۇنۇپ ئۇخلايتتىم، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا پۇتۇمنى نوقۇپ قوياتتى، مەن پۇتۇمنى يېغىۋالاتتىم، سەجدىدىن تۇرغاندا پۇتۇمنى سۇناتتىم، ئۇ كۈنلەردە ئۆيلەردە چېراغلار يوق ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت سىرتىغا چىقتى، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، رىداسىنى تەتۈر ئۆرۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى ۋە قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ئىمران ئىبنى ھۇسەين بىلەن بىرگەئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدۇم، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: سەجدە قىلغاندا، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە ۋە ئىككىنچى رەكەتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەر ھېيىت خۇتبىسىنى نامازدىن كېيىن ئوقۇيتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە بولسا پىشىن بىلەن ئەسىرنى، شام بىلەن خۇپتەننى جەملەپ ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ بەك نامازنى تولۇق ۋە يەڭگىل ئوقۇيدىغان ئىمامنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇپ باقمىدىم
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بېرىمەن، لېكىن مەقسىدىم ناماز ئوقۇش ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قانداق ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرگۈنۈم بويۇنچە ناماز ئوقۇپ بېرىش
عربي الإنجليزية الأوردية
سەببىھىسمە، ۋەششەمسى، ۋەللەيلى سۈرىلىرىنى ئوقۇپ بەرسەڭچۇ! چۈنكى ئارقاڭدا ياشانغان، ئاجىز ئالدىراش كىشلەر بار، دېگەن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھۇ ۋەسەللەم جۈمە كۈنىدە ئۆرە تۇرۇپ ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى، ئارىسىنى قىسقىغىنا ئولتۇرۇش بىلەن ئايرىۋېتەتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلار نامازدا مۈگۈدەپ قالسا، بېرىپ ئۇيقۇسى تۈگۈگىچە ئۇخلىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆپ نامازلارنى بىرگە ئوقۇدۇم، ئۇنىڭ نامىزىمۇ ۋە خۇتبىسىمۇ ئوتتۇراھال ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەر قاچان سەپەردە بىرەر جايغا چۈشكۈن قىلساق، يۈك-تاقىلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ، تۆگىلەرگە ئارام بەرمىگىچە، نەپلە ناماز ئوقۇمايتتۇق (گەرچە بىز نەپلە نامازغا شۈنچە ھېرىسمەن بولساقمۇ!)
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم) كېسەل ۋاقتىدا ئولتۇرۇپ ئۆيدە ناماز ئوقۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە) دەپ تۇرغاندا، ھېچقايسىمىز دۈمبىسىنى تۈزلىمەيتتى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەجدىگە بارغاندا، ئاندىن بىزمۇ سەجدىگە باراتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇزدەلىپىدە شام بىلەن خۇپتەننى جۇغلاپ ھەر بىرىگە بىردىن تەكبىر ئېيتىپ ئوقۇدى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ ئارىلىقىدا ياكى كەينىدىن نەپلە ئوقۇمىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئىككى ھېيىت نامىزىغا بويىغا يەتكەن ۋە چىمىلداقتا ئولتۇرىدىغان قىزلارنىمۇ ئېلىپ چىقىشىمىزغا بۇيرىدى، ھەيىزدارلارنى ناماز ئوقۇلىدىغان جايدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا بۇيرىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ مېنىڭ ئىلگىرى-كېيىن، ئاشكارا-يوشۇرۇن، چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلغان، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلغىن!، سەن ئىلگىرىلەتكۈچى ۋە كەينىدە قالدۇرغۇچىسەن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ!، ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم، سېنىڭ ھۆكمىڭنى يۈرگۈزدۈم، مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
نامازغا ئەزان ئوقۇلغاندا شەيتان كەينىگە بۇرۇلۇپ يەل قويىۋىتىپ ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايغىچە قاچىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
تاڭ يورۇش ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى بورىنىڭ قۇيرۇقىدەك ئېگىزدىن پەسكە سوزۇلغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بامدات نامىزىنى ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس، روزا تۇتقۇچى سوھۇرلۇقنى يەۋەرسە بولىدۇ، ئەمما ئوپۇقتا توغرىسىغا سوزۇلغان ئاقلىق بولسا ھەقىقى تاڭ ئاتقانلىق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نامازنى ئوقۇش دۇرۇس، سوھۇرلۇقنى توختۇتۇش كېرەك
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بىلەن قاراڭغۇ بىر كېچىدە سەپەردە بولدۇق، قىبلە قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، ھەركىم ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ ئاتقاندا بۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھقا بايان قىلغىنىمىزدا بۇ ئايەت نازىل بولدى: «قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھنىڭ يۈزى شۇ تەرەپتىدۇر، يەنى: سىلەرگە ئىختىيار قىلغان قىبلىسىدۇر» سۈرە بەقەرە
عربي الإنجليزية الأوردية
كۈن چىقىش بىلەن كۈن پىتىشنىڭ ئارىسى قىبلىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى مەسچىتتە يوقاپ كەتكەن نەرسىسىنى سوراۋاتقان كىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭغا: ئاللاھ يوقاپ كەتكەن نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىسۇن دېسۇن، چۈنكى مەسچىت بۇنىڭ ئۈچۈن ياسالمىغان
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ: «ئەگەر سىلەر مەسجىدتە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقان بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ: تىجارىتىڭگە پايدا ئاتا قىلمىغاي دەڭلار. ئەگەر بىرەر ئادەمنىڭ مەسجىدتە يوقاپ كەتكەن نەرسىلىرىنى ئېلان قىلىپ ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەڭلار، ئاللاھ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەڭنى قايتۇرۇپ بەرمىگەي دەڭلار»دېگەن.
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سېنى ماختاش بىلەن بىرگە پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمەن، سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەك، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيىتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا تەكبىر ئېيتىپ قىرائەتنى «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين» بىلەن باشلايتتى، رۇكۇ قىلغاندا دۇمبىسىنى بەك تۆۋەنمۇ قىلماي بەك ئىگىزمۇ قىلماي ئورتىھال تۇتاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قىلىپ، مەيدىسىگە قويدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەي كىشىلەر! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن مۇسۇلمان كىشى كۆرىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدىغان ياخشى چۈشلا قالدى، دىققەت قىلىڭلار!، مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىزى رۇكۇسى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تۇرىشى، سەجدە قىلىشى، ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدىكى ئولتۇرىشى ئاساسەن بىر -بىرىگە يېقىن ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇ قىلغاندا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ئاچاتتى، سەجدە قىلغان ۋاقىتتا بارماقلىرىنىڭ ئارىسىنى ھىم تۇتاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنىڭ ھەر رەكىتىدە راۋۇرۇس ئولتۇرمىغىچە ئورنىدىن تۇرمايتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەشەھھۇتتا دۇئا قىلىپ ئولتۇرغاندا ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىنىڭ ئۈستىگە، سول قولىنى سول يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلاتتى، باش بارمىقىنى ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئۈستىگە قوياتتى، سول ئالقىنى بىلەن سول تىزىنى تۇتاتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: ھەج سۈرىسىدە ئىككى سەجدە بارمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەئە، ئۇ ئىككىسىدە سەجدە قىلمىغان كىشى ئۇلارنى ئوقۇمىسۇن» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
بىر ئادەم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەر ئۈستىدە تۇرغاندا: كېچە نامىزىنى قانداق ئوقۇيدۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئىككى رەكەتتىن، ئىككى رەكەتتىن ئوقۇيدۇ، ئەگەر تاڭنىڭ يورۇپ قىلىشىدىن قورقسا، بىر رەكەت ئوقۇيدۇ، ئۇ بىر رەكەت ئوقۇغان نامازلىرىنى ۋىتىر قىلىدۇ» دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ۋىتىر سابىتتۇر، ۋىتىرنى خالىغان كىشى يەتتە رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بەش رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى ئۈچ رەكەت ئوقۇسۇن، خالىغان كىشى بىر رەكەت ئوقۇسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاندا بىزگە سەككىز رەكەت ۋە ۋىتىر ئوقۇپ بەردى، ئەتىسى شۇ پەيىتتە رەسۇلۇللاھنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ مەسجىتتە يىغىلىپ، سۇبھى يۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتە بولدۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
ۋىتىر نامىزى ئوقۇماي ئۇخلاپ قالغان ياكى ۋىتىر نامىزىنى ئۇنتۇپ قالغان كىشى ئېسىگە يەتكەندە ئوقۇسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن
عربي الإنجليزية الأوردية
بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، ئۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى كەلگەندە بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيىڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۈگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى تىلغا ئېلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية
يا رەسۇلۇللاھ! مەن كۈن ئولتۇرۇپ كەتكىچە ئەسىرنى ئوقۇيالمىدىم، دېگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەنمۇ ئوقۇيالمىدىم دېدى، ئاندىن بەتھان دېگەن جايغا چۈشۈپ تاھارەت ئالدى، بىزمۇ تاھارەت ئالدۇق، رەسۇلۇللاھ كۈن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەسىر ئوقۇدى، ئاندىن ئۇنىڭ كەينىدىن شامنى ئوقۇدى
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن ھاممام مەيمۇنەنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كېچىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ قوپۇپ سول تەرىپىدە تۇرغۇنۇمدا، مېنىڭ بېشىمدىن تۇتۇپ ئوڭ تەرىپىگە يۆتكەپ قويدى
عربي الإنجليزية الأوردية
سەجدە سەھۋە توغرىسىدىكى زۇليەدەيىننىڭ ھەدىسى
عربي الإنجليزية الأوردية
زات ئەررىقائ غازىتىدىكى قورقۇنچ نامىزىنىڭ سۈپىتى
عربي الإنجليزية الأوردية
جابىر رىۋايەت قىلغان خەۋپ نامىزىنىڭ سۈپىتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى ئاللاھ!، ئەيياش ئىبنى ئەبۇ رەبىيئەنى، سەلەمە ئىبنى ھىشامنى، ۋەلىد ئىبنى ۋەلىدنى ۋە ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقازغىن، مۇزەر قەبىلىسىنى قاتتىق جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكىدەك قەھەتچىلىك بەرگىن
عربي الإنجليزية الأوردية
جىبرائىل چۈشۈپ ماڭا ئىمام بولدى، ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇدۇم
عربي الإنجليزية الأوردية
بىلالنىڭ سايلىققا چىقىپ ئەزان ئوقۇپ، «حي على الصلاة حي على الفلاح» غا كەلگەندە بەدىنىنى ئايلاندۇرماي، بوينىنى ئوڭ-سول تەرەپكە بۇرىغانلىقىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدە تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار قايتىشىدا يەمامە ئەھلىنىڭ كاتىۋىشى بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى تۇتىۋىلىپ، مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىنىڭ بىرىگە باغلاپ قويدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ساد سۈرىسىدىكى سەجدە تەكىتلەنگەن سەجدىلەردىن ئەمەس، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نەھل سۈرىسىنى ئوقۇدى، ھەتتا سەجدە ئايىتىگە كەلگەندە، پەسكە چۈشۈپ سەجدە قىلدى، كىشىلەرمۇ سەجدە قىلدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كەسكىن پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر نامازنى زىيادە قىلدى، ئۇنى خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزىنىڭ ئارلىقىدا ئوقۇڭلار، ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر، ۋىتىر نامىزىدۇر، دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چاشگاھ نامىزىنى تۆت رەكەت ئوقۇيتتى، خالىسا زىيادە ئوقۇيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە بولىدىغان گۇناھنى بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قىرىق تۇرۇشى، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ياخشىراق ئىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاي ۋە كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنى تۇتۇلدۇرۇىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەم بىرىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية