عن ابن عباس رضي الله عنهما كان النبيُّ صلى الله عليه وسلم إذا تَهَجَّد من الليل قال: «اللهم ربَّنا لك الحمدُ، أنت قَيِّمُ السموات والأرض، ولك الحمدُ أنت ربُّ السموات والأرض ومَن فيهنَّ، ولك الحمدُ أنت نورُ السموات والأرض ومن فيهنَّ، أنت الحقُّ، وقولُك الحقُّ، ووعدُك الحقُّ، ولقاؤك الحقُّ، والجنةُ حقٌّ، والنارُ حقٌّ، والساعةُ حقٌّ، اللهم لك أسلمتُ، وبك آمنتُ، وعليك توكَّلتُ، وإليك خاصمتُ، وبك حاكمتُ، فاغفر لي ما قدَّمتُ وما أخَّرتُ، وأسررتُ وأعلنتُ، وما أنت أعلم به مني، لا إلهَ إلا أنت».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى تەھەججۇت ئوقۇغاندا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ!، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلار ۋە زېمىننى باشقۇرغۇچىسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ نۇرىسەن، سەن ھەقسەن، سۆزۈڭ ھەقتۇر، ۋەدەڭ ھەقتۇر، سەن بىلەن ئۇچرىشىش ھەقتۇر، جەننەت ھەقتۇر، دوزاخ ھەقتۇر، قىيامەت ھەقتۇر، ئى ئاللاھ!، ساڭا بويسۇندۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم، سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم، سېنىڭ ھۆكمىڭنى يۈرگۈزدۈم، مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىسى نامازغا تۇرغاندا باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن: «ئى ئاللاھ!، گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر» يەنى: ئۇ ئاللاھ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى، نېمەتلىرى، ياردەملىرى، ياراتقانلىقى، ئىش-ھەرىكەتلىرى، بۇيرۇقى، ھۆكمىدە ماختالغۇچىدۇر، ئۇ ئاللاھ ئەۋۋەلدە، ئاخىرىدا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ماختالغۇچىدۇر». ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن ئاسمان-زېمىننى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى» يەنى: سەن يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى، ئۇلارنى ياخشىلاش ۋە باشقۇرۇش ئارقىلىق ئىدارە قىلغۇچى، سەن ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى، ئىگە، تەدبىر قىلغۇچى، ھاياتلىق ۋە ماماتلىق ئاتا قىلغۇچىدۇرسەن. يەنە مۇنداق دېدى: «ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىسەن» يەنى: سەن ئۇ ئىككىسى ۋە ئىككىسىدىكى كىشىلارنىڭ ئىگىسى، خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلغۇچى، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچى، ئىگىدارچىلىق ساڭا خاس، ساڭا شېرىك بولىدىغان ياكى سەن بىلەن بىرگە تەدبىر قىلىدىغان ھېچكىم يوق، سەن بەرىكەتلىك ۋە ئالىيسەن. ئاندىن مۇنداق دېدى: «ھەمدۇ-سانا ساڭا خاستۇر، سەن ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ نۇرىسەن» نۇر ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئاللاھ نۇر بىلەن ئۆز خەلقىدىن چەكلىنىدۇ، ئاللاھ ئاسمان-زېمىننىڭ نۇرلاندۇرغۇچىدۇر، ئاسمان-زېمىن ئەھلىنى توغرا يولغا باشلىغۇچىدۇر، ئاللاھ تائالانىڭ نۇر سۈپىتىنى ئىنكار قىلىش ياكى ئۆزگەرتىش توغرا بولمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن ھەق»، ھەق: ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ زاتىدا ۋە سۈپىتىدە ھەقدۇر، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى زۆرۈردۇر، كامالى سۈپەت ئىگىسىدۇر، ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلۇقى زاتىنىڭ زۆرۈرىيەتلىرىدىندۇر، ھەممە نەرسىنىڭ مەۋجۇد بولىشى ئاللاھ بىلەندۇر. ئاندىن مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ سۆزۈڭ ھەقتۇر» يەنى: سېنىڭ دېگەن سۆزۈڭ راست، ھەق ۋە ئادالەتتۇر، ئىلگىرى، كېيىن، خەۋىرى، ھۆكمى، شەرىئىتى، ۋەدىسى، تەھدىدىدە باتىل ئارىلاشمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ۋەدەڭ ھەقتۇر» يەنى: سەن قىلغان ۋەدەڭگە خىلاپلىق قىلمايسەن، سەن ۋەدە قىلغان نەرسە ۋەدە قىلغان بويىچە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنىڭدا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئۆزگەرتىش بولمايدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «سەن بىلەن ئۇچرىشىش ھەقتۇر»، يەنى: بەندىلەر چوقۇم سەن بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا بىرىسەن. ئۇچرىشىش ئاللاھنى كۆرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاندىن مۇنداق دېدى: «جەننەت ۋە دوزاخ ھەقتۇر»، يەنى: بۇ ئىككىسى سەن خەۋەر بەرگەندەك مەۋجۇتتۇر، بېكىتىلگەندۇر، بۇ ئىككىسى ئۆز ئەھلى ئۈچۈن تەييارلانغاندۇر، بۇ جايدا مەڭگۈ قالىدۇ، بەندىلەرنىڭ ئاخىرقى بارىدىغان جايىدۇر. ئاندىن مۇنداق دېدى: «قىيامەت ھەقتۇر»، يەنى: قىيامەتنىڭ بولىشى شەكسىز ھەقتۇر، بۇنىڭ بولىشى زۆرۈر بولۇپ، ئۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئاخىرەتنىڭ باشلىنىشىدۇر. «ئى ئاللاھ! ساڭا بويسۇندۇم» يەنى: سېنىڭ ھۆكمىڭگە تەسلىم بولدۇم، بويسۇندۇم، رازى بولدۇم. «ساڭا ئىمان ئېيتتىم» يەنى: ساڭا ۋە سەن نازىل قىلغان نەرسىگە ئىشەندىم ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئەمەل قىلدىم. «ساڭا تەۋەككۇل قىلدىم» يەنى: ساڭا تاياندىم ۋە ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. «سەن تەرەپتە تۇرۇپ داۋالاشتىم» يەنى: سەن ماڭا بەرگەن پاكىتلارنى قارشى تۇرغۇچىغا ھۆججەت قىلىپ غەلىبە قىلدىم. «سېنىڭ ھۆكمۈڭنى يۈرگۈزدۈم» يەنى: ھەقنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتقان ياكى ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشىگە سەندىن ھۆكۈم تەلەپ قىلدىم، بارلىق تاغۇتنىڭ ئۆزى تۈزگەن قانۇنىدىن ياكى كاھىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلار ھۆكۈم تەلەپ قىلىدىغان، شەرىئەتكە زىت بولغان باتىل قانۇندىن يىراق بولۇپ، مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سېنى ھۆكۈمدار قىلدىم. «مېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى، ئاشكارا-يوشۇرۇن، سەن مەندىن ياخشى بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن» يەنى: مېنىڭ قىلغان ياكى كەلگۈسىدە قىلىدىغان، سېنىڭ خەلقىڭدىن بىرىگە ئاشكارا بولغان ياكى ئۇلاردىن مەخپى بولغان، سەندىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان گۇناھىمنى كەچۈرگىن. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ئى ئاللاھ!، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: سەندىن باشقىغا يۈزلەنمەيمەن، سەندىن باشقا ئىلاھلارنىڭ ھەممىسى باتىلدۇر، ئۇنىڭغا قىلىنغان چاقىرىق ئازغۇنلۇق ۋە ۋابالدۇر. مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بىكىتكەن تەۋھىد ئەقىدىسىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ