عن الزُّبير بن العوام رضي الله عنه أنَّه كانت عنده أمُّ كُلثوم بنتُ عقبة، فقالت له وهي حاملٌ: طَيِّب نفسي بتطليقة، فطلَّقها تطليقةً، ثم خرجَ إلى الصلاة، فرجع وقد وضعت، فقال: ما لها؟ خَدَعتني، خَدَعها اللهُ، ثم أتى النبيَّ صلى الله عليه وسلم ، فقال: «سَبَقَ الكتابُ أَجَلَه، اخطِبها إلى نفسِها».
[صحيح] - [رواه ابن ماجه]
المزيــد ...

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇممۇ كۇلسۇم بىنتى ئۇقبە ئۇنىڭ ئايالى بولۇپ، ئۇ ئايال ھامىلدار ھالەتتە ئېرى زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا: «مېنى خوش قىلىپ بىر تالاق قىلىۋەتسىلە» دەيدۇ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام ئۇنى بىر تالاق قىلىدۇ، ئاندىن نامازغا چېقىپ قايتىپ كىرسە ئۇ ئايال تۇغۇپ بوپتۇ، زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام: نېمە دەپ مېنى ئالدىدىڭ؟، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن دەيدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلگىلەنگەن ئىددەت تۈگىدى، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن» دەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇقبەنىڭ قىزى ئۇممۇ كۇلسۇم بىلەن توي قىلغان ئىدى، ئۇ ئايال ھامىلدار ھالەتتە زۇبەيرگە: «مېنى بىر تالاق قىلىپ كۆڭلۈمنى خوش قىلىۋەتسىلە» دېدى، چۈنكى ئۇ ئايال زۇبەيرنى ياخشى كۆرمەيتتى، زۇبەيرنىڭ نىكاھىدىن يىنىۋالالمايدىغان شەكىلدە چېقىشنى مەقسەت قېلىپ، تۇغۇدىغان ۋاقتى يىقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغاندا بىر تالاق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى ئۇ ئايال ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتىنىڭ بالىنى تۇغۇش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلەتتى، زۇبەير ئۇنى بىر تالاق قىلىپ نامازغا چېقىپ كەتتى، نامازدىن قايتىپ كىرگەندە ئۇ ئايال تۇغۇپ بولغان ئېدى، زۇبەير:نېمە دەپ مېنى ئالدىدىڭ؟، ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن (سېنى ئالدىسۇن) دېدى، ئالداش ئاللاھ تائالانىڭ خەبەر بىرىلىدىغان، ھەرىكەت سۈپىتى بولسىمۇ بۇ سۈپەت بىلەن ئاللاھ تائالا مۇتلەق سۈپەتلەنمەستىن، قارشىلىشىش شەكلىدە سۈپەتلىنىدۇ،يەنى: ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ ھىلە-مىكرىسىنى بەربات قىلغانلىقى، مۆمىنلەرگە ھىلە ئىشلەتكەنلەرنى بەربات قىلغىنىغا ئوخشاش ئاللاھ ھىلە ئىشلەتكەنلەرگە ھىلە ئىشلىتىدۇ، زۇبەيرنىڭ سۆزىنى «ئاللاھ ئالداش ئارقىلىق جازايىنى بەرسۇن» دېگەننى مەقسەت قىلدى دەپ ئىزاھلىساق توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ باشقا سۈپەتلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۈپەتنى ئۆزگەرتمەستىن، بىكار قىلىۋەتمەستىن، قانداقلىقى ۋە شەكلىنى سۈرۈشتۈرمەستىن شۇ بويىنچە ئىسپاتلا كېرەك. ئاندىن زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «بەلگىلەنگەن ئىددەت كۈتۈلمەي تۇرۇپلا تۈگەپتۇ، تالاق بولۇپتۇ، سەن ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغىن،يەنى: لايىقلاردىن بىرى بول، ئۇ ئىددەتتىن چېقىپ بولغانلىقى ئۈچۈن سېنىڭ ئۇ ئايالدا ھېچ ھەققىڭ يوق» دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش