عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه مرفوعاً: «يُوضَعُ الصِّراط بين ظَهْرَي جهنم، عليه حَسَكٌ كحَسَك السَّعْدان، ثم يستجيز الناس، فناجٍ مُسَلَّم، ومَجْدوح به ثم ناجٍ، ومحتبَس به فمنكوسٌ فيها، فإذا فرغ اللهُ عز وجل من القضاءِ بين العباد، يفقد المؤمنون رجالًا كانوا معهم في الدنيا يُصلُّون بصلاتهم، ويُزَكُّون بزكاتهم، ويصومون صيامهم، ويحجُّون حجَّهم ويغزون غزوَهم فيقولون: أي ربنا عبادٌ من عبادك كانوا معنا في الدنيا يُصلُّون صلاتنا، ويُزَكُّون زكاتنا، ويصومون صيامنا، ويحجُّون حجَّنا، ويغزون غزوَنا لا نراهم، فيقول: اذهبوا إلى النار فمن وجدتم فيها منهم فأخرجوه، قال: فيجدونهم قد أخذتهم النارُ على قَدْر أعمالهم، فمنهم مَن أخذته إلى قدميه، ومنهم مَن أخذته إلى نصف ساقيه، ومنهم مَن أخذته إلى رُكبتيه، ومنهم من أخذته إلى ثَدْيَيْه، ومنهم من أزرته، ومنهم من أخذته إلى عنقه، ولم تَغْشَ الوجوهَ، فيستخرجونهم منها فيُطرحون في ماء الحياة»، قيل: يا رسول الله وما الحياة؟ قال: «غسل أهل الجنة فينبتون نباتَ الزرعة» وقال مرة: «فيه كما تنبت الزرعة في غُثاء السَّيل، ثم يشفع الأنبياء في كلِّ من كان يشهد أن لا إله إلا الله مخلِصًا فيخرجونهم منها» قال: «ثم يتحنَّنُ اللهُ برحمته على من فيها، فما يترك فيها عبدًا في قلبه مثقالُ حبَّة من إيمان إلا أخرجه منها».
[صحيح] - [رواه ابن ماجه مختصرًا وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىدە كىشىلەرنىڭ بەدەنلىرىنى ئېلىۋالىدىغان چوڭ تىكەنلەر بار بولۇپ، بەزىلەر بەدىنىگە تىكەن سۈركەشكەن ھالدا سالامەت ئۆتىدۇ، بەزىلەر بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن بولغان ھالەتتە دوزاخقا چۈشىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مۆمىنلەر دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە غازات قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تاپالمايدۇ، ئۇلار: ئى ئاللاھ! سىلىنىڭ بەندىلىرىدىن دۇنيادا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنى تاپالمىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: دوزاخقا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار دوزاختا بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ. مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن تاپىدۇ، دوزاخ ئوتى ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان يامان ئەمەللىرىنىڭ مىقدارىدا كۆيدۈرگىلى تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ. يەنى ئۆت بەزىلەرنىڭ ئىككى قەدىمىگىچە، بەزىلەرنى پۇتىغىچە، بەزىلەرنى تىزىغىچە، بەزىلەرنى كۆكرىكىگىچە، بەزىلەرنى كېكىردىكىگىچە، بەزىلەرنى بوينىغىچە كۆيدۈرگىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما يۈزلىرىگە ئوت تەگمەپتۇ، مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ، ھاياتلىق سۈيىگە تاشلايدۇ، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھاياتلىق سۈيى دېگەن نېمە؟دەپ سورايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇ جەننەت ئەھلىنىڭ يۇيۇنغان سۇلىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇ سۇدىن زىرائەت كۆكلىگەندەك قايتىدىن كۆكلەيدۇ»دېدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «جىلغا ئەتراپىدا زىرائەتلەر ئۈنگەندەك كۆكلەيدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ».ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاختا قالغان باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆيۈنۈپ، قەلبىدە زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاختىن چىقىرىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا دوزاخ ئۈستىگە بىر كۆرۈك بەرپا قىلىدۇ، كۆۋرۈك ئەتراپىدا قاتتىق تىكەنلەر بولۇپ، كىشىلەرنى ئۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشكە بۇيرۇيدۇ، بەزىلەر دوزاخقا چۈشۈپ كەتمەستىن سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەرنىڭ تېرىسىنى تىكەن سۈرىۋەتسىمۇ سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزىلەر ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ، ئاللاھ تائالا بەندىلەردىن ھېساب ئېلىپ جەننەت ئەھلىنى جەننەتكە، دوزاخ ئەھلىنى دوزاخقا كىرگۈزۈپ بولغاندا، مۆمىنلەر جەننەتتە دۇنيادا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە غازات قىلغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تاپالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ: دۇنيادا بىز بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇغان، زاكات بەرگەن، روزا تۇتقان، ھەج قىلغان ۋە بىرلىكتە جىھاد قىلغان كىشىلەر بار ئىدى، ئۇلارنى جەننەتتە تاپالمىدۇق دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: دوزاخقا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلار دوزاختا بولۇپ قالسا، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىڭلار دەيدۇ، مۆمىنلەر ئۇلارنى دوزاختىن تاپىدۇ، دوزاخ ئوتى ئۇلارنى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى بويىچە كۆيدۈرگىلى تۇرغان ئىكەن، يەنى بەزىلەرنىڭ ئىككى قەدىمىنى، بەزىلەرنى پۇتىغىچە، بەزىلەرنى تىزىغىچە، بەزىلەرنى كۆكرىكىگىچە، بەزىلەرنى كېكىردىكىگىچە، بەزىلەرنى بوينىغىچە كۆيدۈرگىلى تۇرۇپتۇ، ئەمما يۈزلىرىگە ئوت تەگمەپتۇ. مۆمىنلەر ئۇلارغا شاپائەت قىلىپ ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىپ ھاياتلىق سۈيىگە تاشلايدۇ، ئۇ سۇغا چۆمۈلگەن كىشى خۇددى جىلغا ئەتراپىغا ئۈنگەن ئۆسۈملۈكلەردەك قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەر ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق دەپ شاھادەت ئېيتقان كىشىلەرگە شاپائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوزاختىن چىقىرىدۇ». ئاندىن ئاللاھ تائالا دوزاختا قالغان باشقا كىشىلەرگىمۇ ئۆز رەھمىتى بىلەن كۆيۈنۈپ، قەلبىدە زەررە مىقدارى ئىمان بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دوزاختىن چىقىرىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ