عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال: "مَنْ لَقِيَ الله لا يُشْرِك به شَيئا دخل الجنَّة، ومن لَقِيَه يُشرك به شيئا دخَل النار".
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئاللاھقا ھېچ بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كېرىدۇ، كىمىكى ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلۈپ كەتسە دوزاخقا كېرىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئاللاھ تائالاغا ئىلاھلىق ۋە پەرۋەردىگارلىق، ئىسمى ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىك كەلتۈرمىگەن ئاساستا ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كېرىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلۈپ كەتسە ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدۇ