+ -

عن عدي بن حاتم رضي الله عنه : "أنه سمع النبي صلى الله عليه وسلم يقرأ هذه الآية: "اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلاَّ لِيَعْبُدُوا إِلَهًا وَاحِدًا لا إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ" فقلت له: إنا لسنا نعبدهم، قال: أليس يُحَرِّمُونَ ما أحل الله فتُحَرِّمُونَهُ؟ ويُحِلُّونَ ما حَرَّمَ الله فتُحِلُّونَهُ؟ فقلت: بلى، قال: فتلك عبادتهم".
[صحيح] - [رواه الترمذي]
المزيــد ...

ئۇدەي ئىبنى ھاتەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇ رەسۇلۇللاھتىن بۇ ئايەتنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «ئۇلار ھاخام ۋە پوپلارنى مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى، ھالبۇكى ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر» مەن: بىز ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايتتۇق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ دېدىكى: ئۇلار ئاللاھ تائالا ھالال قىلغاننى ھارام قىلغاندا، سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ ھارام قىلغاننى ھالال قىلغاندا سىلەر ئەگەشمىدىڭلارمۇ؟ مەن: شۇنداق دېگىنىمدە، رەسۇلۇللاھ: ئاشۇ ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ئۇلۇغ ساھابە رەسۇلۇللاھنىڭ قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان، ئۇ ئايەتلەردە يەھۇدى ۋە ناسارالارنىڭ قىسىسىلىرى سۆزلەنگەن ئىدى. ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا: «ئۇلار ئالىملرىنى ۋە پەرزگاھ راھىبلىرىنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى قويۇپ، ئالىملىرى چىقارغان قانۇنلارغا بويسۇنغان دېيىلگەن» بۇ ئايەتنىڭ مەنىلرىنى ئۇدەي ئىبنى ھاتەم چۈشىنەلمىگەن، ئۇ، ئىبادەت دېگەن رۇكۇئ ۋە سەجدىلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ دەپ چۈشەنگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: راھىب ۋە پوپلارغا ئىبادەت قىلىش بولسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكۈملىرىگە قارشى ھالدا قانۇن چىقارسا، ھالالنى ھارام قىلسا، ھارامنى ھالال قىلسا ئۇ ئىشلاردا بۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئىبادەت قىلغانلىق بولىدۇ، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ