عَنْ عَبْدِ اللهِ بْنِ مَسعودٍ رضي الله عنه عن رَسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم قال:
«الطِّيَرَةُ شِرْكٌ، الطِّيَرَةُ شِرْكٌ، الطِّيَرَةُ شِرْكٌ، -ثلاثًا-»، وَمَا مِنَّا إِلَّا، وَلَكِنَّ اللهَ عَزَّ وَجَلَّ يُذْهِبُهُ بِالتَّوَكُّلِ.

[صحيح] - [رواه أبو داود والترمذي وابن ماجه وأحمد]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننى، كۆزى كۆرگەن ياكى قۇلىقى ئاڭلىغان، ئۇچارلىقتىن، ھايۋانلاردىن، تۈرلۈك ئەيىپلەرگە دۇچار بولغان مېيىپلەردىن، تۈرلۈك سانلاردىن ياكى كۈنلەردىن ياكى ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىشتىن ئاگاھلاندۇردى. ھەدىستە «تەير» ئۇچارلىقتىن دېگەن سۆز ئېشلىتىلدى، چۈنكى ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىش جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەپلەرنىڭ ئارىسىدا مەشھۇر بولغان. ئىشنىڭ ئەسلى: ئۇلار سەپەرگە چىقماقچى ياكى تىجارەت قىلماقچى ھەتتا توي قىلماقچى بولسىمۇ بىر قۇشنى قويىۋېتەتتى، ئەگەر قۇش ئوڭ تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن ياخشىلىق دەپ پال ئېلىپ قىلماقچى بولغان ئىشىنى داۋاملاشتۇراتتى، ئەگەر قۇش سول تەرەپتىن ئۇچسا ئۇلار بۇنىڭدىن شۇم پال ئېلىپ(يەنى بۇ ئىشتا ياخشىلىق يوق دەيتتى) قىلماقچى بولغان ئىشىدىن قول ئۈزەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنداق قىلىشنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ھەقىقەتەن شۇم پال ئېلىش شېرىك، چۈنكى ھەر قانداق ياخشىلىقنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ، ھەر قانداق يامانلىقىنىمۇ ھېچ شېرىكى يوق بىر ئاللاھ دەپئى قىلىدۇ.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇسۇلماننىڭ كۆڭلىگە شۇم پالدىن بىر نەرسە كىلىپ قالىدىغانلىقىنى زىكىر قىلدى، لېكىن ئىنسان شۇم پالنى ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەپلەرنى قىلىش بىلەن يوق قىلىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. قۇشلارنىڭ ئۇچىشىدىن شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا، ئىنساننىڭ دىلى ئاللاھنىڭ غەيرىگە ئالاقىدار بولۇپ قالىدۇ.
  2. مۇھىم مەسىلىلەرنى دىلغا ئورنىتىش ۋە ئېسىدە تۇتۇش ئۈچۈن تەكرار دېيىش مۇھىمدۇر.
  3. ئۇچارلىقتىن شۇم پال ئېلىشنى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش كەتكۈزىۋېتىدۇ.
  4. ھەدىس يالغۇز بىر ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشقا، قەلبىنى پەقەت ئاللاھقا ئالاقىدار قىلىشقا بۇيرىيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ