+ -

عن النُّعمان بن بَشير رضي الله عنه قال: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ -وَأَهْوَى النُّعْمَانُ بِإِصْبَعَيْهِ إِلَى أُذُنَيْهِ-:
«إِنَّ الْحَلَالَ بَيِّنٌ وَإِنَّ الْحَرَامَ بَيِّنٌ، وَبَيْنَهُمَا مُشْتَبِهَاتٌ لَا يَعْلَمُهُنَّ كَثِيرٌ مِنَ النَّاسِ، فَمَنِ اتَّقَى الشُّبُهَاتِ اسْتَبْرَأَ لِدِينِهِ وَعِرْضِهِ، وَمَنْ وَقَعَ فِي الشُّبُهَاتِ وَقَعَ فِي الْحَرَامِ، كَالرَّاعِي يَرْعَى حَوْلَ الْحِمَى يُوشِكُ أَنْ يَرْتَعَ فِيهِ، أَلَا وَإِنَّ لِكُلِّ مَلِكٍ حِمًى، أَلَا وَإِنَّ حِمَى اللهِ مَحَارِمُهُ، أَلَا وَإِنَّ فِي الْجَسَدِ مُضْغَةً، إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الْجَسَدُ كُلُّهُ، وَإِذَا فَسَدَتْ فَسَدَ الْجَسَدُ كُلُّهُ، أَلَا وَهِيَ الْقَلْبُ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح مسلم: 1599]
المزيــد ...

نۇئ‍مان ئىبنى بەشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم:
«ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانغان كىشى ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە يۈز ئابرۇيىنى ساقلاپ قالىدۇ، شۈبھىلىك ئىشقا كېرىپ قالغان كىشى ھارامغا كېرىپ قالىدۇ، خۇددى چىگرا ئەتراپىدا قوي باققان كىشىنىڭ قويلىرى چىگرادىن ئۆتۈپ كەتكىنىدەك، دىققەت قىلىڭلار! ھەر بىر پادىشاھنىڭ چەكلەيدىغان-قوغدايدىغان ئورۇنلىرى بولىدۇ، دىققەت قىلىڭلار! ئاللاھنىڭ چەكلىگەن ئورۇنلىرى ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردۇر، دىققەت قىلىڭلار! ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولۇپ ئۇ ساغالام بولسا پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزىلىدۇ، ئۇ قەلىبتىن ئىبارەتتۇر».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە نەرسىلەر توغرىسىدىكى ئومۇمى قائىدىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، نەرسىلەر شەرىئەتتە ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ: ئېنىق ھالال، ئېنىق ھارام ۋە (ھالال-ھاراملىق جەھەتتىن ھۆكمى ئېنىق بولمىغان) شۈبھىلىك ئىشلاردىن ئىبارەت، بۇ ئۈچىنچىسىنىڭ ھۆكمىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ.
شۈبھىلىك ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشى ھارامغا چۈشۈپ قىلىشتىن يىراق بولۇش بىلەن ئۆزىنىڭ دىنىنى ساقلاپ قالىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ يۈز ئابرۇيىمۇ باشقىلارنىڭ بۇ كىشى شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ دەيدىغان تەنە سۆزلىرىدىن سالامەت قالىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق بولمىغان كىشى يا ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ياكى كىشىلەرنىڭ مالامەتلىرىگە قىلىش بىلەن ئابرۇيىدىن چۈشىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشۈپ قالغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بىر مىسال بايان قىلىپ بەردى: ئۇ كىشى گوياكى باشقىلارنىڭ توسۇپ قويغان يېرىگە يېقىن جايدا قوي باقىدىغان پادىچىغا ئوخشايدۇ، ئ‍ۇ باشقىلارنىڭ زېمىنىغا يېقىن جايدا پادا باققانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پادىلىرى چوقۇم باشقىلارنىڭ زېمىنىغا كېرىپ كىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ھارامغا يىقىن شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلىدىغان كىشىنىڭ ھارامغا چۈشۈپ قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسان بەدىنىدە (قەلىبتىن ئىبارەت) بىر پارچە گۆشنىڭ بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش سالامەت بولسا بەدەننىڭمۇ سالامەت بولىدىغانلىقى، ئۇ گۆش بۇزۇلسا بەدەننىڭمۇ بۇزىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. مالاگاسچە تەرجىمىسى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس ھۆكمى ئېنىق بولمىغان شۈبھىلىك ئىشلارنى تەرك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ