ھەدىسلەر تىزىملىكى

ھەقىقەتەن ھالالمۇ ئېنىقتۇر، ھاراممۇ ئېنىقتۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زېيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، كىمكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مەن توسقان ئىشلاردىن تولۇق چەكلىنىڭلار، بۇيرىغان ئىشلارنى كۈچۈڭلارنىڭ يىتىشىچە قىلىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋىملەر كۆپ سوئال سوراش، پەيغەمبەرلىرىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ھالاك بولدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇلار نېمىدىن قورقىدۇ؟ مەنالىرى ئوچۇق ئايەتنى قۇبۇل قىلىدىغان، چۈشەنمىگەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدىغان
عربي الإنجليزية الأوردية
سېنى شەكتە قويغان ئىشنى تاشلاپ، كۆڭلۈڭ ئارام تاپقان ئىشنى قىلغىن
عربي الإنجليزية الأوردية
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلسا، يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى چېقىپ كەتمىدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتىن چېقىپ كەتمىسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
بىز جىنازىغا ئەگىشىشتىن مەنئى قىلىندۇق، لىكىن كەسكىن تەكىتلەنمىدى
عربي الإنجليزية الأوردية
نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارە بار ئىدى، كېيىن بۇھۆكۈم: «ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ» دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية