عَنْ ‌أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«إِذَا وَجَدَ أَحَدُكُمْ فِي بَطْنِهِ شَيْئًا، فَأَشْكَلَ عَلَيْهِ أَخَرَجَ مِنْهُ شَيْءٌ أَمْ لَا، فَلَا يَخْرُجَنَّ مِنَ الْمَسْجِدِ حَتَّى يَسْمَعَ صَوْتًا، أَوْ يَجِدَ رِيحًا».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلسا، يەل چېقىپ كەتتىمۇ ياكى چېقىپ كەتمىدىمۇ بۇنى بىلەلمىسە، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتىن چېقىپ كەتمىسۇن».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ قورسىقىدا ئاغرىق بولۇپ، ئىككىلىنىپ يەل چېقتىمۇ ياكى چىقمىدىمۇ بۇنى ئېنىق بىلەلمىسە، يېڭىدىن تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن نامىزىنى بۇزۇپ چېقىپ كەتمىسۇن. ھەتتا تاھارەتنى بۇزىۋاتىدىغان، يەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياكى پۇرىقىنى پۇرىمىغۇچە تاھارەت يېڭىلاش ئۈچۈن چېقمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭ تاھارىتىنىڭ بۇزۇلمىغانلىقى ئىشەنچ بىلەن، تاھارەتنىڭ بۇزۇلغانلىقى بولسا شەك بىلەن بولۇپ، شەك ئىشەنچنى بىكار قىلىۋېتەلمەيدۇ دېگەننى بايان قىلىپ بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس ئىسلام ئاساسلىرىدىن بىر ئاساس ۋە پىقھى قائىدىلەردىن بىر قائىدىدۇر. ئۇ بولسىمۇ: ئىشەنچ شەك بىلەن يوقالمايدۇ، ھەر نەرسىنىڭ ئەسلى ئۇنىڭ قارشىسىدىكى نەرسە ئىسپاتلانغانغا قەدەر ئەسلى بويۇنچە قالىدۇ.
  2. ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچى تاھارىتى بۇزۇلغانغا ئىشەنچ قىلالمىسا، ئۇ كىشى تاھارىتى بۇزۇلغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ تاھارىتى بولغان ھالىتىدە قالىدۇ، شەك تاھارەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.