عن أبي هريرة قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«حَقٌّ عَلَى كُلِّ مُسْلِمٍ أَنْ يَغْتَسِلَ فِي كُلِّ سَبْعَةِ أَيَّامٍ يَوْمًا، يَغْسِلُ فِيهِ رَأْسَهُ وَجَسَدَهُ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە بىر قېتىم يۇيىنىشى، بېشىنى ۋە بەدىنىنى يۇيىشى ۋاجىپ بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بېرىپ: بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ يەتتە كۈندە يەنى ھەپتىدە بىر قېتىم يۇيىنىشى زۆرۈردۇر. شۇنداقلا پاكىزلىق ۋە گۈزەللىكنى تەلەپ قىلىپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىشى كېرەك. ھەپتىنىڭ كۈنلىرى ئېچىدە جۈمە كۈنىدە يۇيۇنسا ياخشى بولىدۇ. بەزى رىۋايەتلەرگە كۆرە، جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. پەيشەنبە كۈنىدە يۇيۇنسىمۇ بولىدۇ. بەزى رىۋايەتلەر يۇيۇنۇشنىڭ ۋاجىپ بولماستىن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇلار جۈمە نامىزىغا ماڭغاندا شۇ ھالىتى بويۇنچە باراتتى، ئۇلارغا: ئەگەر يۇيۇنۇپ كەلگەن بولساڭلار دېيىلەتتى». [بۇخارى رىۋايىتى]. بۇخارىنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە: «ئۇلاردىن تەر پۇراقلىرى كېلەتتى» دەپ كەلگەن، شۇنداق بولغاچقا ئۇلارغا: ئەگەر يۇيۇنۇپ كەلگەن بولساڭلار دېيىلەتتى». ئۇلاردىن باشقىلارنىڭمۇ يۇيۇنۇپ كېلىشى ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىسلام پاكىزلىق ۋە تاھارەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
  2. جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇپ چېقىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
  3. ھەدىستە بەدەننى يۇيۇش دېگەن سۆز باشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، باش ئالاھىدە زىكىر قىلىندى، بۇ باشقا ۋە چاچقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىندۇر.
  4. كىشىلەرگە ئەزىيەت يېتىدىغان ھەر قانداق پۇراق سەۋەبلىك، ئۇ كىشىنىڭ يۇيىنىشى ۋاجىپ بولىدۇ.
  5. جۈمە كۈنى بەك ئۇلۇغ كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ كۈندە يۇيۇنۇش ئالاھىدە تەكىتلەندى.
تېخىمۇ كۆپ