عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ المؤمنين رضي الله عنها قَالَتْ:
كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِذَا اغْتَسَلَ مِنَ الجَنَابَةِ، غَسَلَ يَدَيْهِ، وَتَوَضَّأَ وُضُوءَهُ لِلصَّلاَةِ، ثُمَّ اغْتَسَلَ، ثُمَّ يُخَلِّلُ بِيَدِهِ شَعَرَهُ، حَتَّى إِذَا ظَنَّ أَنَّهُ قَدْ أَرْوَى بَشَرَتَهُ، أَفَاضَ عَلَيْهِ المَاءَ ثَلاَثَ مَرَّاتٍ، ثُمَّ غَسَلَ سَائِرَ جَسَدِهِ، وَقَالَتْ: كُنْتُ أَغْتَسِلُ أَنَا وَرَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مِنْ إِنَاءٍ وَاحِدٍ، نَغْرِفُ مِنْهُ جَمِيعًا.

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 272]
المزيــد ...

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنغان ۋاقىتتا، ئىككى قولىنى يۇيىتتى، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۇيۇناتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى ئارىلايتتى، چېچىنىڭ ئاستىغا سۇ تىگىپ تېرە سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇياتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن قالغان بەدىنىنى يۇيىتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 272]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۇنابەتتىن يۇيۇنماقچى بولغاندا ئالدى بىلەن ئىككى قولىنى يۇياتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە سۇ قۇياتتى، ئاندىن كېيىن چېچىنى قولىنىڭ بارمىقى بىلەن ئارىلاپ چاچنىڭ تېگىگە سۇ ئۆتتى، باشنىڭ تېرىسى سۇغا قاندى دەپ ئويلىغاندا، بېشىغا ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇپ يۇياتتى، ئاندىن كېيىن بەدىنىنىڭ قالغان جايلىرىنى يۇياتتى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر قاچىدىن سۇ ئىلىپ يۇيىناتتۇق، بىرلىكتە سۇنى ئۇۋۇچلاپ ئالاتتۇق.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. يۇيۇنۇش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: كۇپايە قىلغۇچى ۋە كامىل، ئەمما كۇپايە قىلغۇچى يۇيۇنۇش بولسا: ئىنسان پاكىز بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىزىنى چايقاپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ پۈتۈن بەدىنىنى يۇيىدۇ، ئەمما كامىل يۇيۇنۇش بولسا: مۇشۇ ھەدىستە بايان قىلىنغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يۇيۇنغاندەك يۇيىنىدۇ.
  2. جۇنابەت دېگەن سۆز : مەنىي چىققان كىشىگىمۇ ۋە ياكى جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان ئەمما مەنىي چىقمىغان كىشىگىمۇ ئىشلىتىلىنىدۇ.
  3. ئەر-ئاياللارنىڭ بىر-بېرنىڭ ئەۋرىتىگە قارىشى ۋە بىر قاچىغا سۇ قۇيۇپ يۇيىنىشى دۇرۇس بولىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (56)
تېخىمۇ كۆپ