عن أم سلمة رضي الله عنها قالت: «جاءت أمُّ سُلَيمٍ امرأةُ أَبِي طَلحة إلى رسول الله صلى الله عليه وسلم فقالت: يا رسول الله، إنَّ الله لا يَسْتَحيِي من الحَقِّ، فهل على المرأة من غُسْلٍ إِذَا هِيَ احْتَلَمَت؟ فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : نعم، إِذَا رَأَت المَاء».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەبى تەلھەنىڭ ئايالى ئۇممۇ سۇلەيىم رەسۇلۇللەھنىڭ قېشىغا كېلىپ مۇنداق سورىدى: ئى رەسۇلۇللاھ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەقنى بايان قىلىشتىن ھايا قىلمايدۇ، ئايال كىشى ئىھتىلام بولۇپ قالسا غۇسلى قىلىش كېرەكمۇ؟ دېۋىدى رەسۇلۇللاھ: ئەگەر مەنى كۆرسە غۇسلى قىلىدۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئۇممۇ سۇلەيم ئەنسارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن بىر مەسىلىنى سوراش ئۈچۈن كەلدى، سوئالى ئادەتتە ھايا قىلنىدىغان، ئەۋرەتكە چېتىشلىق بولغاچقا ۋە سورۇندىكىلەرنىڭ تۇيغۇسىغا يېنىك بولسۇن ئۈچۈن سوئالىدىن ئىلگىرى بىر-ئىككى جۇملىنى مۇقەددىمە قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەق بولغان ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە پايدىلىق ئىشلاردا ھايا قىلغانلىقتىن ھەقىقەت مەسىلىلەرنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىشتىن چەكلەنمەيدۇ، ئۇممۇ سۇلەيىم سوئالىنى سىيلىقلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇدۇل سوئالىنى باشلىدى ۋە دېدى: ئايال كىشى چۈشىدە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ چۇشىسە ئۇنىڭغا غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولامدۇ؟ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: شۇنداق، ئويغانغاندا شەھۋەت بىلەن كەلگەن مەنىنى كۆرسە غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولىدۇ، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ