عن حذيفة بن اليمان - رضي الله عنهما- عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «لا تقولوا: ما شاء الله وشاء فلان، ولكن قولوا: ما شاء الله ثم شاء فلان».
[صحيح] - [رواه أبو داود والنسائي وأحمد]
المزيــد ...
ھۇزەيپە ئىبنى ئەليەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا ۋە پالانى خالىسا دېمەڭلار، لېكىن ئاللاھ تائالا خالىسا ئاندىن پالانى خالىسا دەڭلار
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ تائالانىڭ مۇبارەك ئىسمىغا قايىسى بىر مەخلۇقنىڭ ئىسمىنى پىئىلدا ئەگەشتۈرۈپ دېيىشنى، يەنى خاھىش پىئىللىرىدىن كېيىن«ۋە» باغلىغۇچىسى بىلەن باغلاشتىن توستى. چۈنكى بۇنداق باغلىغاندا ئىككى ئىسىم ئارىسىدا ئوخشاشلىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ، گىرامماتىكا جەھەتتىن «ۋە» ھەرىپى بىر يەردە قويۇش مەنىدە كېلىدۇ، رەت-تەرتىپنىمۇ، ئىلگىرى كېيىنلىكنىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. مەخلۇق بىلەن خالىقنى باراۋەر قىلىش شېرىك كەلتۈرگەنلىك. ئەمما رەسۇلۇللاھ «ئۇنىڭدىن كىيىن» دېگەن باغلىغۇچى بىلەن ياراتقۇچى ۋە مەخلۇق ئوتتۇرسىنى باغلاشنى دۇرۇس قىلدى. «ئۇنىڭدىن كىيىن» دېگەن سۆز ئەگەشكەنلىكنى ۋە بىر ئاز كېيىن كەلگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ، ئۇ مەنىدە بولسا چەكلەنمەيدۇ