عن عبد الله بن مسعود قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«هَلَكَ الْمُتَنَطِّعُون» قالها ثلاثًا.

[صحيح] - [رواه مسلم] - [صحيح مسلم: 2670]
المزيــد ...

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ھالاك بولىدى» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېگەن.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى مۇسلىم - 2670]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىمسىز، توغرا يول تۇتماستىن ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىغانلارنىڭ خار بولىدىغانلىقى ۋە ئىككىلى دۇنيادا زىيان تارتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ۋە زورلىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ھەرقانداق ئىشتا بولۇپمۇ ئىبادەت ۋە سالىھلارنى ئۇلۇغلاشتا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىشقا بۇيرىيدۇ.
  2. ئىبادەتتە ۋە باشقا ئىشلاردا مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش، شەرىئەتكە ئەگەشكەن ھالەتتە بولسا مەدھىيەلىنىدۇ.
  3. مۇھىم ئىشلارنى تەكىتلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان.
  4. ئىسلامنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئاسانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ