عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ مَسْعُودٍ رضي الله عنه قال:
قَالَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم كَلِمَةً وَقُلْتُ أُخْرَى، قَالَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم: «مَنْ مَاتَ وَهُوَ يَدْعُو مِنْ دُونِ اللهِ نِدًّا دَخَلَ النَّارَ» وَقُلْتُ أَنَا: مَنْ مَاتَ وَهُوَ لَا يَدْعُو لِلهِ نِدًّا دَخَلَ الْجَنَّةَ.

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر سۆزنى دېدى مەن ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر سۆزنى دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە تېۋىنغان ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى دوزاخقا كىرىدۇ دېدى، مەن : كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ دېدىم.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان دۇئا، ياردەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قىلىدىكەن (يەنى شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىكەن)، ئۇ كىشى دوزاخ ئەھلىدىن بولىدۇ دەپ خەۋەر بەردى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭغا زىيادە قىلىپ: كىمكى ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ۋاپات بولسا ئۇ كىشىنىڭ ئاخىرىقى بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. دۇئا ئىبادەت بولۇپ، ئاللاھىنىڭ غەيرىگە قىلىنمايدۇ.
  2. تەۋھىدنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن: تەۋھىد ئېتىقادى بىلەن ۋاپات بولغان كىشى بەزى خاتالىقلىرى ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت ئازاپلانسىمۇ ئاخىرىدا جەننەتكە كېرىدۇ.
  3. شېرىكنىڭ خەتىرى: شېرىك ئېتىقادتا ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كىرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ