عن عبد الله بن عكيم رضي الله عنه مرفوعاً: «مَنْ تَعَلَّقَ شيئا وُكِلَ إليه».
[حسن] - [رواه أحمد والترمذي]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇكەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قەلبىنى ئاللاھدىن باشقا بىر نەرسىگە باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى شۇ نەرسىگە تاپشۇرىدۇ»
ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئۆزىنىڭ قەلبى بىلەن ياكى ئەمەلىيىتى بىلەن ياكى ھەر ئىككىسى بىلەن بىر نەرسىگە بۇرۇلۇپ، ئۇ نەرسىدىن پايدا-مەنپەئەت ئۈمىد قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ قەلبىنى شۇ نەرسىسىگە تاپشۇرىدۇ، كىمكى قەلبىنى ئاللاھقا باغلايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ قىيىن ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، كىمكى قەلبىنى ئاللاھتىن باشقىغا باغلىسا، ئاللاھ ئۇ كىشى خار قىلىپ قەلبىنى باغلىغان شۇ نەرسىگە تاشلاپ قويىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ