عَنْ عُقْبَةَ بْنِ عَامِرٍ الْجُهَنِيِّ رضي الله عنه:
أَنَّ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَقْبَلَ إِلَيْهِ رَهْطٌ، فَبَايَعَ تِسْعَةً وَأَمْسَكَ عَنْ وَاحِدٍ، فَقَالُوا: يَا رَسُولَ اللهِ، بَايَعْتَ تِسْعَةً وَتَرَكْتَ هَذَا؟ قَالَ: «إِنَّ عَلَيْهِ تَمِيمَةً»، فَأَدْخَلَ يَدَهُ فَقَطَعَهَا، فَبَايَعَهُ، وَقَالَ: «مَنْ عَلَّقَ تَمِيمَةً فَقَدْ أَشْرَكَ».
[حسن] - [رواه أحمد]
المزيــد ...
ئۇقبە ئىبنى ئامىر ئەل جۇھەنەي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بىر توپ كىشىلەر كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى، ئەمما ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇلار: ئەي ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! توققۇز كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدىلا، بۇ كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ بوينىغا تۇمار ئېسىۋاپتۇ» دېدى، ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:«كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
ئون كىشىلىك بىر جامائەت پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن توققۇز كىشىدىن ئىسلامغا ۋە ھەقكە ئەگىشىش توغرىسىدا بەيئەت ئالدى، ئونىنچى كىشىنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن سورالغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ بوينىدا تۇمار بارئىكەن دېدى، تۇمار دېگەن: كۆز تېگىش ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن بوينىغا ئېسىۋالىدىغان تېرىدىن ياسالغان ياكى يىپكە تېزىلغان كۆز مۇنچاق دېگەندەك نەرسىلەر. ئۇ كىشى قولىنى بوينىغا كىرگۈزۈپ تۇمارنى ئۈزۇپ ئېلىۋەتتى، شۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىنىڭمۇ بەيئىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە تۇمار ئېسىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «كىمىكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ».