عن أبي بَشير الأنصاري رضي الله عنه:
أَنَّهُ كَانَ مَعَ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فِي بَعْضِ أَسْفَارِهِ، قَالَ: فَأَرْسَلَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ رَسُولًا -وَالنَّاسُ فِي مَبِيتِهِمْ-: «لَا يَبْقَيَنَّ فِي رَقَبَةِ بَعِيرٍ قِلَادَةٌ مِنْ وَتَرٍ أَوْ قِلَادَةٌ إِلَّا قُطِعَتْ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى بەشىير ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
ئۇ كىشى بەزى سەپەرلىرىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان ئېدى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ چۈشكەن جايلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ:«تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بەزى سەپەرلىرىدە ، كىشىلەر ئارام ئېلىش ئۈچۈن چېدىر قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ يېنىغا كىشىلەرنى ئەۋەتىپ: «تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئاسقان ياچاق يېپى، كولدۇرما ۋە كۆز تۇمارى ۋە ئاياغ دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرىدى، ئۇنداق بولىشى: ئۇلار بۇنداق نەرسىلەرنى كۆز تەگمىسۇن دەپ تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ئېسىپ قوياتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۈزىۋېتىشكە بۇيرىدى، چۈنكى كۆز تېگىشتىن بولغان ھېچ بىر ئىشنى ئۇ نەرسىلەر قايتۇرالمايدۇ، پايدا-زىيان ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پايدىنى كۆزلەپ ياكى زىياننى يوق قىلىش ئۈچۈن تۆگىلەرنىڭ بوينىغا ياچاق يېپى تۇمار قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېسىپ قويۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ شېرىكنىڭ تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
  2. ئۇ نەرسىلەرنى ئۇلاغنىڭ بوينىغا كۆز تېگىشتىن ساقلاپ قالىدۇ دەپ ئەمەس، چېرايلىق بولسۇن دەپ ياكى ئۇلاغنى ھەيدەش ئۈچۈن ياكى بىر يەرگە باغلاش ئۈچۈن ئاسسا بولىدۇ.
  3. مۇنكەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى كۈچىنىڭ يېتىشىگە كۆرە بولىدۇ.
  4. دىلنى ھېچ بىر شېرىكى يوق يالغۇز بىر ئاللاھقا باغلاش ۋاجىپتۇر.
تېخىمۇ كۆپ