عن عائشة - رضي الله عنها-، أن أمَّ سَلَمَة، ذَكَرَت لرسول الله صلى الله عليه وسلم كَنِيسة رأتْهَا بأرض الحَبَشَةِ يُقال لها مَارِيَة، فذَكَرت له ما رأَت فيها من الصُّور، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «أولئِكِ قوم إذا مات فيهم العَبد الصالح، أو الرُّجل الصَّالح، بَنُوا على قَبره مسجدا، وصَوَّرُوا فيه تلك الصِّور، أولئِكِ شِرَار الخَلْق عند الله».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ سەلەمە ھەبەشىستاندا كۆرگەن مارىيە ئىسىملىك بىر چېركاۋنى تىلغا ئېلىپ ئۇ چېركاۋدا ئۆزى كۆرگەن سۈرەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تەسۋىرلەپ بېرىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئۇلار ئۆزئىچىدە بىر سالىھ بەندە ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ قەبرىسىگە مەسچىت بىنا قىلىپ ئۇنىڭ سۈرىتىنى سىلەر كۆرگەن ئاشۇ سۈرەتلەردەك مەسچىتكە چۈشۈرۈپ قوياتتى، ئەنە شۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ناچارلىرىدۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەبەشىستان زېمىنىغا ھىجرەت قىلىپ بارغاندا رەسىملەر بىلەن بىزەلگەن بىر چىركاۋنى كۆرگەن، ئۇنىڭدىكى تام سۈرەتلەردىن ۋە بىزەكلەردىن ھەيران قېلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەسلەپ بەرگەن ۋە بۇ ئىشلارنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىيىنى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ئىشلاردىن مۇسۇلمانلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ سۈرەتلەرنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى بايان قىلىپ، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ياخشى كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا مەسچىت سېلىپ ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تام رەسىمى قىلىپ سىزىۋالاتتى. بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ناچار ئىنسانلاردۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇ قىلمىشلىرى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ