عن أبي هريرة رضي الله عنه ، قال: بعث رسول الله صلى الله عليه وسلم خيلا قِبَلَ نَجْدٍ، فجاءت برجل من بني حَنِيفة يُقَالُ لَهُ: ثُمَامَةُ بْنُ أُثَالٍ، سَيِّدُ أَهْلِ اليَمَامَةِ، فَرَبَطُوهُ بِسَارِيَةٍ مِنْ سَوَارِي المسجد، فخرج إليه رسول الله صلى الله عليه وسلم ، فقال: «مَاذَا عِنْدَك يا ثمامة؟» فقال: عندي يا محمد خير، إِنْ تَقْتُلْ تَقْتُل ذَا دَمٍ، وَإِنْ تُنْعِمْ تُنْعِمْ عَلَى شَاكِر، وإن كنت تريد المال فَسَلْ تُعْطَ مِنْهُ مَا شِئْتَ، فَتَرَكَهُ رسول الله صلى الله عليه وسلم حتى كان بعد الغد، فقال: «ما عندك يا ثمامة؟» قال: ما قلت لك، إن تنعم تنعم على شاكر، وإن تقتل تقتل ذا دم، وإن كنت تريد المال فسل تعط منه ما شئت، فتركه رسول الله صلى الله عليه وسلم حتى كان من الغد، فقال: «ماذا عندك يا ثمامة؟» فقال: عندي ما قلت لك، إن تنعم تنعم على شاكر، وإن تقتل تقتل ذا دم، وإن كنت تريد المال فسل تعط منه ما شئت، فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «أَطْلِقُوا ثمامة»، فَانْطَلَقَ إِلَى نَخْلٍ قَرِيبٍ مِنَ المَسْجِدِ، فاغتسل، ثم دخل المسجد، فقال: أشهد أن لا إله إلا الله، وأشهد أن محمدا عبده ورسوله، يا محمد، والله، مَا كَانَ عَلَى الْأَرْضِ وَجْهٌ أَبْغَضَ إِلَيَّ مِنْ وَجْهِكَ، فَقَدْ أَصْبَحَ وَجْهُكَ أَحَبَّ الْوُجُوهِ كُلِّهَا إِلَيَّ، والله، ما كان مِن دِين أبغَضَ إليَّ مِن دِينَك، فأصبح دينُك أحبَّ الدِّين كُلِّه إليَّ، والله، ما كان من بلد أبغض إلي من بلدك، فأصبح بلدُك أحبَّ البلاد كلها إليَّ، وإنَّ خَيلَك أخَذَتنِي وأنا أُرِيد العمرة فمَاذَا تَرَى؟ فبشَّره رسول الله صلى الله عليه وسلم وأمره أن يَعْتَمِر، فلمَّا قدِم مكَّة قال له قائل: أصَبَوْت، فقال: لا، ولكنَّي أسْلَمت مع رسول الله صلى الله عليه وسلم ، ولا والله، لا يأتِيكم مِن اليمامة حبة حنطة حتىَّ يأْذَنَ فيها رسول الله صلى الله عليه وسلم .
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نەجدە تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار قايتىشىدا يەمامە ئەھلىنىڭ كاتتىۋېشى بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى تۇتۇۋېلىپ، مەسچىتنىڭ تۈرۈكلىرىنىڭ بىرىگە باغلاپ قويدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: ئى مۇھەممەد! مەن سېنى ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ چېقىپ كەتتى، ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان: ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ چېقىپ كەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەنە ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا چېقىپ: ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان: ئەگەر ياخشىلىق قىلىپ قويۇپ بەرسەڭ ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ، قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، ئەگەر مال تەلەپ قىلماقچى بولساڭ سورىغىن نېمىنى خالىساڭ شۇ بېرىلىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سۇمامەنى قويۇپ بىرىڭلار دېدى، سۇمامە مەسچىتكە يېقىن جايدىكى خورمىلىققا بېرىپ يۇيۇنۇپ ئاندىن مەسچىتكە كېرىپ: ھەقىقەتەن ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئى مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، زېمىن يۈزىدە ماڭا سېنىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان كىشى يوق ئىدى، ھازىر سەن زېمىن يۈزىدە ماڭا ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان كىشىگە ئايلاندىڭ، سېنىڭ دىنىڭدىن بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان دىن يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ دىنىڭ ماڭا ھەممە دىنلاردىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان دىنغا ئايلاندى، ماڭا سېنىڭ شەھرىڭدىن بەكرەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان شەھەر يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ شەھىرىڭ ماڭا ھەممە شەھەرلەردىن بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان شەھەرگە ئايلاندى، مەن ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ يولغا چىققان ئىدىم، يولدا سېنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇڭ مېنى تۇتۇۋالدى، سېنىڭچە ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟دېدى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولدى ۋە ئۇنى مەككىگە بېرىپ ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى، سۇمامە مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا، بەزىلەر ئۇنىڭغا: دىندىن چىقىپ كېتىپسەن دېگەندە، ئۇ: ياق مەن دىندىن چىقىپ كەتمىدىم، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولدۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رۇخسەت قىلمىغىچە سىلەرگە يەمامە تەرەپتىن بىر تالمۇ ئاشلىق دانچىسى كەلمەيدۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھىجىرىيىنىڭ ئالتىنچى يىلى مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنىدە مۇھەممەد ئىبنى مەسلەمەنىڭ قوماندانلىقىدا نەجدە تەرەپكە بەنى بەكىر قەبىلىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتىدۇ، بەنى ھەنىيفە قەبىلىسىمۇ شۇ ئەتراپتا ئىدى، ساھابىلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى ۋە بەنى ھەنىيفەنىڭ كاتتىلىرىدىن بولغان سۇمامە ئىبنى ئاسالنى ئەسىر ئېلىپ مەدىنىگە ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلار سۇمامىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ تۈرۈكلىرىدىن بىرىگە باغلاپ قويىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئى سۇمامە! سەن مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن سېنى ماڭا ياخشىلىق قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۆلتۈرسەڭ قىساس تەلەپ قىلىنىدىغان بىر كىشىنى ئۆلتۈرىسەن، چۈنكى مەن قەبىلە باشلىقى دەيدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ بۇ سېنىڭ توغرا ئىش قىلغىنىڭ بولىدۇ، مەن شۇنىڭغا لايىق، چۈنكى مەن سەن تەرەپتىن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان ئادەم، مېنى ئۆلتۈرسەڭ مېنى قىساس ئۈچۈن ئۆلتۈرگەن بولىسەن، ماڭا زۇلۇم قىلغان بولمايسەن، ئەگەر ماڭا ياخشىلىق قىلىپ مېنى قويۇۋەتسەڭ، سېنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇلىدۇ، چۈنكى سەن كىشىلەرنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلىدىغان ئېسىل بىر كىشىنى قويۇۋەتكەن بولىسەن، ئەگەر مېنى قويۇپ بەرگەننىڭ بەدىلىگە مال پىدىيە ئېلىشنى خالىساڭ، خالىغاننى سورا، ساڭا سورىغىنىڭ بېرىلىدۇ دەيدۇ، بۇ قىسقىغىنە سۆھبەتتىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇپ، ئەتىسى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى سۇمامە! مېنى نېمە قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتىسەن؟ دەيدۇ، سۇمامە: مەن ساڭا ئېيتقان دەيدۇ، يەنى ئۇ ئىككىنچى كۈنىگىچە تۈرۈككە باغلاقلىق تۇرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن ئالدىنقى كۈنى سورىغاننى سورايدۇ، ئۇمۇ ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاش جاۋاپ بېرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇپ ئۈچىنچى كۈنى يەنە شۇ سوئالنى سورىغاندا، سۇمامە ئالدىنقى كۈنىگە ئوخشاش جاۋاپ بېرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سۇمامەنى قويۇپ بىرىڭلار دەيدۇ، سۇمامە مەسچىتكە يېقىن جايدىكى خورمىلىققا بېرىپ، ئۇ يەردىكى سۇدا يۇيۇنۇپ ئاندىن مەسچىتكە كېرىپ: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوق دەپ شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ بۇخارى بىلەن مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى بولۇپ: سۇمامە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆزلىگىدىن يۇيۇنۇپ كەلگەن، ئاندىن سۇمامە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ توغرا دىنى ۋە سۆيۈملۈك شەھرى بولغان مەدىنە شەھىرىگە بولغان قارىشى-تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ: زېمىندا ماڭا سەندىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان كىشى يوق ئىدى، مەن مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەن ماڭا ھەممە كىشىلەردىن بەك ياخشى كۆرۈلىدىغان بولدۇڭ، ساڭا بولغان ئۆچلۈك، ياقتۇرماسلىق ھېچقانداق بىر ياخشى كۆرۈش ئۇنىڭغا باراۋەر كەلمەيدىغان بىر سۆيگۈ-ياخشى كۆرۈشكە ئۆزگەردى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ دىنىڭدەك ماڭا ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر دىن يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ دىنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان دىنغا ئايلاندى. (ئىمانى تۇيغۇ قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورۇنلاشقاندا شۇنداق بولىدۇ) ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ماڭا سېنىڭ شەھرىڭدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرۈلىدىغان بىر شەھەر يوق ئىدى، ھازىر سېنىڭ شەھىرىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان شەھەرگە ئايلاندى، چۈنكى مېنىڭ ساڭا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىم، مېنىڭ سېنىڭ شەھىرىڭنى تېخىمۇ زىيادە ياخشى كۆرۈشۈمگە تۈرتكە بولدى، ئاندىن سۇمامە: مەن ئەسلىدە ئۆمرە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ چىققان ئىدىم، سېنىڭ ئاتلىق قوشۇنۇڭ مېنى تۇتۇپ كەلدى، مېنىڭ ئۆمرە قىلىشىمغا رۇخسەت قىلامسەن؟دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى ۋە دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى بىلەن خوش خەۋەر بەردى ۋە ئۇنى ئۆمرە قىلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، سۇمامە مەككىگە كەلگەن ۋاقتىدا، بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا: سەن ئۆز دىنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ باشقا دىنغا كىرىپسەن دېدى، سۇمامە: ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دىندىن چىقمىدىم لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە مۇسۇلمان بولدۇم، پەقەت باتىل بولغان دىننى تەرك قىلدىم، ھەق دىنغا كىردىم، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىنى سىلەرگە ئاشلىق ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلمىغۇچە سىلەرگە يەمامەدىن بىر تال دانمۇ كەلمەيدۇ دەپ، يەمامىگە قايتىپ كەتتى، يەمامە بولسا مەككىگە ئاشلىق كېلىدىغان رايۇنلاردىن بىرى ئىدى، ئۇ يەردىن مەككە خەلقىگە ئاشلىق كېلىش چەكلەندى ھەتتا قۇرەيشلەر ئاچارچىلىقتا قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ، سۇمامىگە مەككىگە ئاشلىق ئەۋەتىپ بېرىش توغرىسىدا خەت يېزىشنى تەلەپ قىلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ