عن أبي هريرة أنَّ عمر مرَّ بِحَسَّان رضي الله عنهم وهو يَنْشُدُ الشِّعر في المسجد، فَلَحَظَ إليه، فقال: قد كُنْتُ أَنْشُد، وفيه من هو خير مِنْك، ثمَّ الْتَفَتَ إلى أبي هريرة، فقال: أَنْشُدُكَ الله، أَسَمِعْتَ رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول: «أَجِبْ عَنِّي، اللَّهُمَّ أَيِّدْهُ بروح الْقُدُسِ»؟ قال: اللهمَّ نعم.
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەسسان ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقاندا، ئۇ شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، ئومەر ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى. ھەسسان: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالدا شېئىر ئوقۇيتتىم دەپ، ئەبۇ ھۇرەيرەگە قارىدى. ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن، رەسۇلۇللاھنىڭ: مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارغا رەددىيە بەرگىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا دېگىنىنى ئاڭلىغانمىدىڭ؟ ئەبۇ ھۇرەيرە: شۇنداق ئاڭلىغانتىم، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە شېئىر ئوقۇۋاتاتتى، شۇ ۋاقىتتا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا كايىش نەزىرى بىلەن قارىدى، ھەسسان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆمەرنىڭ ئۆزىگە كايىش نەزىرى بىلەن قارىغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا: مەن مەسچىتتە سەندىنمۇ ياخشى كىشى بار ھالەتتە شېئىر ئوقۇيتتىم دەپ، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولۇشقا، ئۆزىنىڭ مەسچىتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بار سورۇندا شېئىر ئوقۇغانلىقىنى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى قوللاپ رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى ۋە يەنە شېئىر ئوقۇشقا ئۈندىگەنلىكىگە شاھىت بولۇشنى سوراپ: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سەندىن سورايمەن رەسۇلۇللاھتىن مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ، ئى ھەسسان! مېنىڭ ئورنۇمدا كاپىرلارنىڭ شائىرلىرىغا رەددىيە بەرگىن. ئۇلارنى شېئىر ئارقىلىق سۆكۈپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىپ ئۇنى مۇداپىئە قىلغىن. ئى ئاللاھ ئۇنىڭغا (ھەسسانغا) جىبرئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق كۈچ ئاتا قىلسىلا، ئۇنىڭغا دىن دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىدىغان شېئىرلارنى ئىلھام قىلسىلا دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭ دېگەندە، ئەبۇ ھۈرەيرە شۇنداق ئاڭلىغان ئېدىم. سەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىدا شېئىر ئوقۇغان ئىدىڭ، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم، دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە كۇردچە ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ