عن أبي بكرة نفيع بن الحارث الثقفي رضي الله عنه أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «إذا التَقَى المسلمانِ بسَيْفَيْهِمَا فالقاتلُ والمقْتُولُ في النَّارِ». قلت: يا رسول الله، هذا القاتلُ فما بالُ المقتولِ؟ قال: «إنه كان حريصًا على قَتْلِ صَاحِبِهِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ بەكرە نۇپەيئ ئىبنى ھارىس ئەسسەقەپى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىسە ئۆلتۈرگۈچى ۋە ئۆلگۈچى دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۆلتۈرگۈچىغۇ شۇنداق، ئۆلگۈچى نېمىشقا دوزاخقا كىرىدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: چۈنكى ئۆلگۈچىمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشقانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىرىدۇ، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئەگەر ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىسە ھەر بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلسا، ئۆلتۈرگۈچى ئۆز ھەمراھىنى بىۋاستە ئۆلتۈرگەنلىك سەۋەبىدىن دوزاخقا كىرىدۇ. ئۆلتۈرۈلگۈچىمۇ ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئەپۇ قىلمىسا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش ھەق ئۈچۈن بولمىسا، ئۆز ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىس بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخقا كىرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «فإن بغت إحداهما على الأخرى فقاتلوا التي تبغي حتى تفيء إلى أمر الله» تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار» سۈرە ھۇجرات 9-ئايەت

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ