عن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال:
«اجْتَنِبُوا السَّبْعَ الْمُوبِقَاتِ»، قَالُوا: يَا رَسُولَ اللهِ وَمَا هُنَّ؟ قَالَ: «الشِّرْكُ بِاللهِ، وَالسِّحْرُ، وَقَتْلُ النَّفْسِ الَّتِي حَرَّمَ اللهُ إِلَّا بِالْحَقِّ، وَأَكْلُ الرِّبَا، وَأَكْلُ مَالِ الْيَتِيمِ، وَالتَّوَلِّي يَوْمَ الزَّحْفِ، وَقَذْفُ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ الْغَافِلَاتِ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
پەيغەنبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، سەھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ نېمىلەردىن ئىبارەت؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن بۈرۈلۈپ قېچىش، ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىز، پاك ئىپپەتلىك مۇئ‍مىنە ئايالغا بۆھتان چاپلاش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك جىنايەت ۋە گۇناھلاردىن يىراق بولۇشقا بۇيرىدى، ئۇ ئىشلار قايسى؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت دېدى:
بىرىنچى: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بولسا؛ قايسى شەكىلدە بولسۇن ئاللاھنىڭ ئوخشىشى بار، باراۋېرى بار دەپ ئېتىقاد قىلىش، ھەر قانداق ئىبادەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەدىستە؛ شېرىك لەپزىنىڭ ئەڭ بىشىدا كىلىشى بولسا، ئۇ گۇناھلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر.
ئىككىنچى: سېھىر، (سېھىر دېگەن: چېگىك چېگىش، بىر نەرسىگە سۈپلەش، ئۆت-چۆپ دورىلىرىنى ئىشلىتىش ۋە تۈتۈن چېقىرىش قاتارلىقلار) سېھىر سېھرە قىلىنغۇچىغا ماددى ۋە مەنىۋىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىش دېگەندەك ئىشلارغا سەۋەپ بولىدۇ، بۇ شەيتانى ئەمەل بولۇپ، بۇنى قىلىدىغانلار كۆپ ھالەتلەردە، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، پاسكىنا روھلار ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۇلارغا يېقىنلىشىدۇ.
ئۈچىنچى: ئاللاھ تائالا ئۆلتۈرۈشنى چەكلىگەن كىشىنى ئۆلتۈرۈش. لېكىن شەرئى مەھكەمەدىن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلغان كىشىنى ھاكىمنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۆلتۈرسە بولىدۇ.
تۆتىنچى: جازانە قىلىش، ئۇنى يېسۇن ياكى باشقا تەرەپلەردىن پايدىلانسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر.
بەشىنچى: ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن، بالاغەتكە يەتمىگەن كېچىك بالىنىڭ مال-مۈلكىگە تاجاۋۇز قىلىش.
ئالتىنچى: كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەيداندىن قېچىش.
يەتتىنچى: ئىپپەتلىك ھۆر پاك ئايالغا، شۇنىڭدەك ئىپپەتلىك پاك ئەرگە بۆھتان چاپلاش.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. چوڭ گۇناھلار بۇ يەتتە ئىش بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ھەدىستە بۇنىڭغا خاس قىلىش بولسا، بۇ يەتتە ئىشنىڭ خەتىرى ۋە جىنايىتىنىڭ ئېغىر بولغانلىقىدىندۇر.
  2. قىساس ئېلىش ئۈچۈن، مۇرتەدنى ۋە توي قىلغاندىن كېيىن زىنا قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈشكە ھەقلىق بولغان ئىنسانلارنى، شەرئى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھاكىم ئۆلتۈرسە دۇرۇس بولىدۇ.