عن عائشة وعبد الله بن عباس رضي الله عنهما قالا:
لَمَّا نَزَلَ بِرَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ طَفِقَ يَطْرَحُ خَمِيصَةً لَهُ عَلَى وَجْهِهِ، فَإِذَا اغْتَمَّ بِهَا كَشَفَهَا عَنْ وَجْهِهِ، فَقَالَ وَهُوَ كَذَلِكَ: «لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى اليَهُودِ وَالنَّصَارَى، اتَّخَذُوا قُبُورَ أَنْبِيَائِهِمْ مَسَاجِدَ» يُحَذِّرُ مَا صَنَعُوا.

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەكىراتتىكى ۋاقتىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىگە بىر پارچە رەختنى يېپىپ قويدى، نەپەس ئېلىش قېيىن بولغاندا ئۇنىڭ يۈزىدىن رەختنى ئېلىۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇ ھالەتتە تۇرۇپ: « ئاللاھ تائالا يەھۇدىي، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبىرلىرىنى ئىبادەتخانا قىلىۋالدى» دەپ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن ساھابىلارنى ئاگاھلاندۇردى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئائىشە ۋە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە شۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا سەكراتقا چۈشۈپ قالدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىگە بىر پارچە رەخت يېپىپ قويۇلدى، سەكرات سەۋەبىدىن نەپەس ئېلىش قېيىن بولغاندا رەختنى ئېلىۋەتتى، مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ھالەتتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھ تائالا يەھۇدىي، ناسارالارغا لەنەت قىلسۇن، چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبىرلىرى ئۈستىگە ئىبادەتخانا ياسىغان»، ئەگەر بۇ ئىش خەتەرلىك بولمىغان بولسا ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سەكراتتىكى ھالەتتە بۇنى زىكىر قىلمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىپ سېلىشتىن چەكلىدى. چۈنكى ئۇ يەھۇدىي ناسارالارنىڭ قىلمىشىدۇر، شۇنداقلا ئۇ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدىغان جاي قىلىۋېلىش چەكلەندى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋەسىلىدۇر.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەۋھىدكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن، قەبىرلەرنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق شېرىكنىڭ يېيىلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
  3. بۇ ھەدىستە يەھۇدىي، ناسارالارغا ۋە ئۇلارغا ئوخشاش قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىدىغان ئىبادەتخانىلارنى ياسىغان كىشىلەرگە لەنەت ئېيىتىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
  4. قەبرىستانلىققا ئىبادەتخانا سېلىش بولسا يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ھەدىستە ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قىلىشتىن چەكلىگەن.
  5. گەرچە قەبرىستانلىققا مەسچىت ياسىمىسۇ ئەمما قەبىرنىڭ يېنىنى ياكى قەبىرنىڭ تەرىپىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىشتىن چەكلىگەن.
تېخىمۇ كۆپ