+ -

عن أنس رضي الله عنه قال: قال النبي صلى الله عليه وسلم:
«لَا يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى أَكُونَ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِنْ وَالِدِهِ وَوَلَدِهِ وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 15]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق ئىنسالاردىن بەكرەك ياخشى كۆرمىگۈچە كامىل مۇسۇلمان بولالمايدۇ».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 15]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۆيگۈسىنى ئۆزىنىڭ ئانىسى، ئاتىسى، ئوغلى، قىزى ۋە بارلىق ئىنسانلارغا بولغان سۆيگۈنىڭ ئۈستىگە قويمىسا، ئۇنىڭ كامىل مۇسۇلمان بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ. بۇ سۆيگۈ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش، ياردەم بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشنى تەرك قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە شېۋىتچە تەرجىمىسى ئەمھەرىييەچە تەرجىمىسى گوللاندىيىچە تەرجىمىسى. گۇجۇراتچە تەرجىمىسى قىرغىزچە تەرجىمىسى. نىپالچە تەرجىمىسى. يورايىچە تەرجىمىسى. لىيتۇۋانىيچە تەرجىمىسى. دىررىيچە تەرجىمىسى. سىربىيچە تەرجىمىسى. سومالىيچە تەرجىمىسى تاجىكچە تەرجىمىسى. كىينىيا راۋاندىيچە تەرجىمىسى. رومانچە تەرجىمىسى. مەجەرىچە تەرجىمىسى. چىكچە تەرجىمىسى. الموري مالاگاسچە تەرجىمىسى. ئىيتالىيچە تەرجىمىسى. ئۇرۇمىييەچە تەرجىمىسى كاناداچە تەرجىمىسى. الولوف البلغارية ئازارىچە تەرجىمىسى ئوكرانىيچە تەرجىمىسى. الجورجية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈنى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن بېلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇكەممەل سۆيگۈنىڭ ئالامەتلىرىدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ھىمايە قىلىش، بۇ يولدا ئۆزىنىڭ مېلىنى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ ئۇنىڭ بۇيرىغان ئىشلىرىغا ئىتائەت قىلىش، بىلدۈرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلاش، چەكلىگەن ۋە توسقان ئىشلىرىدىن يىراق بولۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىدئەتنى تەرك قىلىش قاتارلىقلارنى تەقەززا قىلىدۇ.
  4. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققى ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ ھەققىدىن ئۇلۇغ ۋە بۈيۈكتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بولسا، بىزنىڭ ئازغۇنلۇقتىن ھىدايەت تىپىشىمىز، دوزاختىن قۇتۇلىشىمىز ۋە جەننەت بىلەن ئۇتۇق قازىنىشىمىزنىڭ سەۋەبكارىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ