عن خَوْلَةَ بِنْتَ حَكِيمٍ السُّلَمِيَّةَ قَالتْ: سَمِعْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«مَنْ نَزَلَ مَنْزِلًا ثُمَّ قَالَ: أَعُوذُ بِكَلِمَاتِ اللهِ التَّامَّاتِ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ، لَمْ يَضُرَّهُ شَيْءٌ حَتَّى يَرْتَحِلَ مِنْ مَنْزِلِهِ ذَلِكَ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

خەۋلە بىنتى ھەكىم سۈلەمىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى چۈشكەن ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى سەپەر قىلغان بولسۇن ياكى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن بىر يەرگە بارغاندا بولسۇن ياكى ھەر قانداق ئەھۋالدا، بىر يەرگە چۈشكەندە، ھەزەر قىلىدىغان ئىشتىن مەنپەئەت بېرىدىغان بىر نەرسىگە چېڭ ئېسىلىشقا يېتەكلىدى، ئۇ بولسىمۇ، پەزىلەت، بەرەكەت، مەنپەئەت بېرىشتە ھەر قانداق ئەيىپ-نۇقساندىن پاك، شۇ يەردىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىدىغان ئاللاھنىڭ مۇكەممەل كەلىمىسىگە ئىلتىجا قىلىش ۋە چېڭ ئېسىلىشقا بۇيرىدى. شۇنداق قىلغاندا، شۇ جايدا تۇرغان مۇددەتتە ئۇ يەردىكى ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ، پاناھلىق تەلەپ قىلىش ئىبادەتتۇر، ئۇ ئاللاھ بىلەن ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ.
  2. ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئەمما باشقا مەخلۇقلار بىلەن پاناھلىق تېلەش بولسا شېرىكتۇر.
  3. بۇ دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتىنى بايان قىلىدۇ.
  4. زىكىرلەر بىلەن ساقلىنىش بەندىنىڭ يامانلىقتىن ساقلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
  5. ئاللاھتىن باشقا جىنلار، سېھرىگەرلەر، يالغانچى، كەززاپ دەججاللاردىن پاناھلىق تىلەشنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
  6. سەپەردە بولسۇن ياكى مۇقىم تۇرغاندا بولسۇن بىر ئورۇنغا چۈشكەن كىشى ئۈچۈن بۇ دۇئانى ئوقۇش يولغا قويۇلغاندۇر.
تېخىمۇ كۆپ