ھەدىسلەر تىزىملىكى

كىمكى سەپەردە بىر ئورۇنغا چۈشۈپ، ئۇنىڭدىن كېيىن :«ئاللاھ تائالانىڭ مۇكەممەل كەلىمىسى بىلەن ئاللاھغا سېغىنىپ بارلىق نەرسىلەرنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن دېسە، ئۇ كىشى چۈشكەن ئورنىدىن يۆتكىلىپ كېتىپ بولغىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە زىيان يەتكۈزمەيدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمىكى تاماق يەپ بولغاندا: ماڭا تاماق بەرگەن، مېنىڭ كۈچ قۇۋۋىتىمسىز بۇ تاماقلار بىلەن مېنى رىزىقلاندۇرغان ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇن، دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر شامالنى تىللىماڭلار! ئەگەر ئۇنىڭدىن بىرەر يامانلىق كۆرسەڭلار: ئى ئاللاھ بىز بۇ شامالنىڭ ياخشىسىنى، ئۇنىڭدىكى ياخشىلىقنى ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشنىڭ ئەڭ ياخشسىنى تىلەيمىز، بۇ شامالنىڭ يامانلىقىدىن، ئۇنىڭدىكى ئاپەتتىن ۋە ئۇ بۇيرۇلغان ئىشلارنىڭ يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمىز، دەڭلار!
عربي الإنجليزية الأوردية
مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
عربي الإنجليزية الأوردية
ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن: «بارلىق ھەمدۇ سانا پاك ۋە بەرىكەتلىك بولغان ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ كىم بىزگە رىزىق بېرەلمەيدۇ، بىزگە رىزىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر، بىز پەرۋەردىگارىمىزغا مۇھتاجمىز» دەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەر قىلسا سەپەرنىڭ مۇشەققىتىدىن، يامان ئاقىۋىتىدىن، مۇكەممەللىشىپ بولۇپ كېمىيىشىدىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن، ئەھلى ۋە مېلىدا يامان ئەھۋالنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پاناھ تىلەيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەگەر بىز ئىگىزلىككە چىقساق: ئاللاھۇ ئەكبەر، پەسكە چۈشسەك: سۇبھاناللاھ دەيتتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئەبۇ سالىھ بىزنى ئۇخلىماقچى بولغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىشقا بۇيرىيتتى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر: بىرەر كىشىنىڭ ئۆلگىنى ياكى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى تىلغا ئېلىشقا، دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار
عربي الإنجليزية الأوردية