+ -

عن أبي موسى الأشعري رضي الله عنه قال: خَسَفَت الشمس على زمان رسول الله صلى الله عليه وسلم . فقام فَزِعًا، ويخشى أن تكون الساعة، حتى أتى المسجد، فقام، فصلى بأطول قيام وسجود، ما رأيته يفعله في صلاته قطُّ، ثم قال: إن هذه الآيات التي يُرْسِلُهَا الله عز وجل : لا تكون لموت أحد ولا لحياته، ولكن الله يُرْسِلُهَا يُخَوِّفُ بها عباده، فإذا رأيتم منها شيئا فَافْزَعُوا إلى ذكر الله و دُعَائِهِ وَاسْتِغْفَارِهِ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا ئەلئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە كۈن تۇتۇلدى، ئۇ قىيامەت بولىشىدىن ئەنسىرەپ، چۆچىگەن پېتى ئورنىدىن تۇرۇپ، مەسچىتكە كىلىپ، نامازغا تۇردى، قىيام ۋە سەجدىلەرنى ئۇزۇن ئوقۇدى، مەن ئۇنىڭ ھېچبىر نامازدا بۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرمىگەن ئىدىم، ئاندىن ئۇ: «ئاللاھ پەيدا قىلىدىغان بۇ مۆجىزىلەر بىرەرسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بولمايدۇ، لېكىن ئاللاھ ئۇنى بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ، سىلەر ئۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسىنى كۆرسەڭلار، دەرھال ئاللاھنى ئەسلەشكە، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشقا ۋە كەچۈرۈم سوراشقا ئالدىراڭلار» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا كۈن تۇتۇلغاندا ئۇ دەرھال چۆچىگەن ھالدا تۇردى، چۈنكى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارىنى مۇكەممەل تونۇغانلىقى ئاللاھدىن بەك قورقىدىغان ۋە ئەيمىنىدىغان قىلغان ئىدى، زېمىن ئەھلىدىن كۆپ كىشىلەر ئازغۇنلۇققا پېتىپ، چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن، ياكى سۈر چېلىنىش ۋاقتى كەلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر يۈز بەردىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، دەرھال مەسچىتكە كىرىپ كىشىلەر بىلەن كۈن تۇتۇلۇش نامىزىنى ئوقۇدى، ئاللاھقا تەۋبە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە ئۇزۇن ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كىشىلەرگە يۈزلىنىپ، ۋەز-نەسىھەت قىلدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇ ھادىسىلەرنى بەندىلىرىنىڭ دۇئاغا، كەچۈرۈم سوراشقا، ئاللاھنى ئەسلەشكە، نامازغا ئالدىرىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىبرەت، ئەسلىتىش، قورقۇتۇش ئۈچۈن پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ