عن أبي مسعود عُقبة بن عَمْرو الأنصاري البَدْري رضي الله عنه مرفوعاً: «إن الشمس والقمر آيتان من آيات الله، يُخَوِّفُ الله بهما عباده، وإنهما لا يَنْخَسِفَان لموت أحد من الناس، فإذا رأيتم منها شيئا فَصَلُّوا، وَادْعُوا حتى ينكشف ما بكم»
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ مەسئۇد ئۇقبە ئىبنى ئەمرۇ ئەلئەنسارى ئەلبەدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، ئۇنى تۇتۇلدۇرۇىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ھەم بىرىنىڭ ئۆلۈمى ياكى ياشىغانلىقى سەۋەپلىك تۇتۇلمايدۇ. ئەگەر ئاي ۋە كۈننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى كۆرسەڭلار ناماز ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىڭلار
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاي ۋە كۈن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەت كامالىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، ئۇنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى بىلىمسىز نادانلار ئويلىغاندەك كاتتا كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقى ياكى ئۆلۈمى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق، زېمىندىكى ئىشلار ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى قورقۇتۇش ئۈچۈن، شۇ ئارقىلىق ئۇلار گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا قايىتىشى ئۈچۈن پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاي ۋە كۈن تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى نامازغا ۋە دۇئاغا ئالدىراشقا تەۋسىيە قىلدى، كائىناتتا ئاللاھ تائالانىڭ ھەر تۈرلۈك سىرلىرى بار

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش