عن أبي جُهَيْمِ بْنِ الْحَارِثِ بْنِ الصِّمَّةِ الأنصاري رضي الله عنه مرفوعاً: «لو يعلم المار بين يدي الْمُصَلِّي ماذا عليه لكان أن يَقِفَ أربعين خيرا له من أن يَمُرَّ بين يديه». قال أَبُو النَّضْرِ: لا أدري: قال أربعين يوما أو شهرا أو سنة.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ جۇھەيم ئىبنى ئەلھارىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئەگەر ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە بولىدىغان گۇناھنى بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ قىرىق تۇرۇشى، ئۆزى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ياخشىراق ئىدى. ئەبۇ نۇدر«راۋىي»: ئۇنىڭ قىرىق كۈن ياكى قىرىق ئاي ۋەياكى قىرىق يىل ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

نامازخان ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلغان ۋە تىۋىنغان ھالدا تۇرىدۇ، مۇشۇ ئەھۋالدا ئالدىدىن بىر كىشى ئۆتسە دىققىتى چېچىلىپ، ئىبادىتىگە سەلبى تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ نامىزىغا نۇقسان يەتكۈزگەن كىشىنىڭ گۇناھى ئېغىر بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېدىكى: ئەگەردە نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچى ئۆزىگە يېزىلىدىغان گۇناھنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، ئۇ يەردىن ئۆتمەي ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ تۇرۇشنى ئەلا بىلەتتى. بۇ ھەدىس نامازنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ