عن ابن عباس -رضي الله عنهما- قال: كَشف رسول الله صلى الله عليه وسلم السِّتَارة والناس صُفوف خَلف أبي بَكر، فقال: «أيها الناس، إنه لم يَبْق من مُبَشِّرَاتِ النُّبُوَّةِ إلا الُّرؤيا الصَّالحة، يَراها المُسلم، أو تُرى له، ألا وإنِّي نُهِيت أن أقْرَأ القرآن راكِعا أو ساجِدا، فأما الرُّكوع فعظِّموا فيه الرَّب عز وجل ، وأما السُّجود فَاجْتَهِدُوا في الدُّعاء، فَقَمِنٌ أن يُستَجاب لكم».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: كىشىلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەلەڭزىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: ئەي كىشىلەر! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن مۇسۇلمان كىشى كۆرىدىغان ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدىغان ياخشى چۈشلا قالدى، دىققەت قىلىڭلار!، مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم. رۇكۇ قىلغاندا پەرۋەردىگارىڭلارنى ئۇلۇغلاڭلار، سەجدىدە كۆپ دۇئا قېلىشقا تېرىشىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئىجاۋەت قىلىنىشقا بەك لايىقتۇر
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەر ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە سەپ تۈزۈپ، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇۋاتقاندا ئۆيىنىڭ مىلەڭزىسىنى ئاچتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۇلارغا ناماز ئوقۇپ بېرەلمەي، ئەبۇ بەكرىنى كىشىلەرگە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرىغان ئىدى، ئۇ: «ئەي خالايىقلار! ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىكنىڭ بېشارەتلىرىدىن ياخشى چۈشلا قالدى،-دېدى، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ۋەھيى ئۈزۈلگەندىن كېيىن پەقەت رېئاللىققا مۇۋاپىق بولغان ياخشى چۈشلا قالدى، بۇ چۈشنى ئىمان ئەھلى كۆرۈپ، خوش بىشارەت ئالىدۇ، خۇرسەن بولۇپ، ئىمانى يەنىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ، بۇنداق بولىشى: چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلىكىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن چۈشلىرى تاڭنىڭ يورىقىدەك ئوچۇق نامايەن بولاتتى، شۇڭا چۈش پەيغەمبەرلىكنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. «بىشارەتلىرى» دېگەن سۆز كۆپىنچە ئەھۋالغا قاراپ ئېيتىلغان، چۈنكى بەزى راست چۈشلەر ئاللاھ تەرىپىدىن مۇئمىنگە كۆيۈنۈپ، بىرەر ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى تەييارلىق قىلىۋىلىشى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ ئاساسەن ياخشى چۈش مۆمىن ئۈچۈن بىشارەت بولىدۇ ياكى غەپلەتتىن ئاگاھلاندۇرۇش بولىدۇ. «ئۇ چۈشنى مۇسۇلمان كۆرىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرىلىدۇ» يەنى: مەيلى چۈشنى ئۆزى كۆرسۇن ياكى باشقىلار ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆرسۇن ئوخشاش. «دىققەت قىلىڭلار! مەن رۇكۇ قىلغان ۋە سەجدە قىلغان ھالەتتە قۇرئان ئوقۇشتىن چەكلەندىم» يەنى: ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى رۇكۇ ياكى سەجدە ھالىتىدە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن چەكلىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چەكلەنگەن ئىشلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بولمىسىلا، ئۈممەتمۇ بۇ ئىشتىن چەكلىنىدۇ، رۇكۇ ياكى سەجدىدە قۇرئان ئوقۇشنى مەقسەت قىلىنسا چەكلىنىدۇ، ئەمما دۇئا مەقسەت قىلىنسا چەكلەنمەيدۇ، ھەدىستە: «ھەر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان ئىشى بولىدۇ» دېيىلگەن. چەكلەشتىكى ھېكمەت: -ئاللاھ تائالانى ھەممىنى بىلگۈچىدۇر- رۇكۇ ۋە سەجدە خارلىق ۋە بويسۇنۇش ھالەتلىرىدۇر، زېمىنغا سەجدە قىلغان ھالەتتە قىرائەت قىلىش قۇرئانغا لايىق ئەمەس. «رۇكۇدا ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاڭلار» يەنى: رۇكۇدا ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىم» گە ئوخشاش ئاللاھنى پاكلايدىغان ۋە ئۇلۇغلايدىغان دۇئالارنى قىلىڭلار. «سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىشقا تېرىشىڭلار» يەنى: ناماز ئوقۇغۇچى سەجدە ھالىتىدە دۇئانى كۆپ قىلىشى كېرەك، چۈنكى ئۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقتى سەجدە قىلغان ھالىتى، سەجدىدە دۇئانى كۆپ قىلىڭلار» دېگەن، لېكىن:«سۇبھانە رەببىيەل ئەئلا» دېگەن دۇئا بىلەن بىللە قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ دۇئا ۋاجىپتۇر. «سىلەر ئۈچۈن ئىجابەت قىلىنىشقا لايىق» يەنى: چۈنكى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىن ۋاقتى سەجدە قىلغان ھالىتى بولىدۇ. دۇئانى ئۇزۇن ۋە كۆپ قىلىش ياخشى بولىدىغان ۋاقىت ئىنسان يالغۇز ياكى ئۇزۇن دۇئانى ياخشى كۆرىدىغان جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان ۋاقىتتۇر